جىلىن ئۆلكىسى ئاھالىلىرىگە يادرو ئۇرۇشىنىڭ زەخمىسىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ئۆگىتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاينىڭ «جىلىن كۈندىلىك گېزىتى» بۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ ئاتوم بومبىسى تاشلانغان ياكى پارتلىغان ئەھۋالدا ئاھالىلەرنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەس- بەستە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان ۋە جەمئىيەتتە كەڭ ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

خەلقئاارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «جىلىن كۈندىلىك گېزىتى» مەزكۇر ماقالىسىدە، يادرو ئۇرۇش يۈز بەرسە ئاۋۋال يورۇقلۇق قاپلاش، زىلزىلە پەيدا بولۇش ۋە تۇمان بېسىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدا يەنە ئاھالىلەرنى ئۇرۇش ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئۆيدە بولسا ئۈستەل ۋە كارىۋاتنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىش، ھويلىدا بولسا ئورىغا كىرىۋېلىش، دەريا ۋە كۆلگە يېقىن بولسا ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن قوغدىنىشقا دەۋەت قىلغان.
پاتپاراقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى كورېيە ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىسا ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايغا قارىتا ئېھتىمال بىر ئاتوم بومبا ھۇجۇمنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ ئاھالىلەرنى جىددىيلەشمەسلىككە چاقىرغان.

رويتۇرۇسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان كەڭ-كۆلەملىك مانىۋېرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايرىپلانلىرى كۈرېيە ئارىلى ئۈستىدە ئۇچۇش ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت