ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنى 4 رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-08-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

كورېيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيە دائىرىلىرى ئۆز مۇداپىئەسى ئۈچۈن بەزى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆزىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنى خىروشىما، كۆچى، شىمانې ۋە ئېھىمې قاتارلىق 4 رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. 

نۆۋەتتە بۇ سىستېمىلار يولغا چىقىپ بولغان بولۇپ، شەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ بارىدىكەن. 

ياپونىيە مۇداپىئە دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت يۆتكىگەن PAC-3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئاساسەن شىمالىي كورېيە بومبىلىرى ئۆتۈش ئېھتىمالى بولغان يۇقىرىقى رايونلارنى چۆرىدەپ جايلاشتۇرۇلىدىكەن.

ھالبۇكى، ياپونىيە دائىرىلىنىڭ ئۆز ئارمىيىسىگە ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بومبىلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى دەلىللەنمىگەن. 

شىمالىي كورېيە دائىرىلىنىڭ ئاتوم بومبىلىرىنى قىتئەلەر-ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا پاتقۇدەك قىلىپ كىچىكلىتىپ ياسىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

بۇ خەۋەردىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى يادرو قورال پروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، بولمىسا، ئۇلارنىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى قەھرى-غەزەپكە ئۇچرايدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. 

شىمالىي كورېيەمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى، گۇئامغا ئاتىدىغان 4 دانە Hwasong-12 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەتىجىدە 8-ئاۋغۇستتىن بۇيان تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىغان ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. 

نۆۋەتتە شىمالىي كورېيە ۋەزىيىتىنىڭ قايسى يۆلىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.ئەمما، جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنى يەنە بىر نۆۋەت ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر گۇئام ئارىلىغا بىر ئىش بولىدىغان بولسا شىمالىي كورېيەنىڭ «ئېغىر بالادا قالىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت