يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىلگىرى خىتايدىكى جاسۇسلۇق مەكتىپىدە ئىشلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئەزاسى ياڭ جيەننىڭ ئىلگىرى خىتايدا ھەربىي ۋە ئىستىخبارات تەربىيەسى ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئۆتمۈشىنى يوشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتايدا تۇغۇلغان ياڭ جيەن كېيىنكى يىللاردا يېڭى زېلاندىيەگە كۆچۈپ چىقىپ، ئۇ يەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ، 2011‏-يىلى يېڭى زېلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزا بولۇپ سايلىنىپ، پارلامېنتنىڭ بەزى ئاچقۇچلۇق كومىتېتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە «مالىيە گېزىتى» بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىر تور گېزىتى يېقىندا ياڭ جيەننىڭ خىتايدىكى ئۆتمۈشىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇرۇن خىتاي ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقى ۋە لوياڭ چەتئەل تىللىرى ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. «مالىيە گېزىتى» بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ تور گېزىتى يەنە لوياڭ چەتئەل تىللىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ خىتايدىكى ھەربىي ئىستىخبارات خادىملىرىنى تەربىيەلەيدىغان جاسۇسلۇق مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، ياڭ جيەننىڭ خىتايدىكى بۇ كەچمىشىنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېڭى زېلاندىيە «بەش كۆزلەر» دەپ ئاتالغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىستىخبارات تورىغا ئەزا بولۇپ، ياڭ جيەن يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتلىرىغا ئەزا بولغان ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ياڭ جيەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ۋە كەچمىشىنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلغان ھەمدە ئۆزىنى ئىرقچى بىر تۆھمەتنىڭ «قۇربانى» دەپ ئاقلىغان.

ھالبۇكى، ئەنگلىيە «مالىيە گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ «خىتاينىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان چەتئەللەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن غەربنىڭ تەييارلىقىغا سوئال پەيدا قىلدى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت