كانادا گېزىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويغان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتى 9‏-سېنتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭغا مىڭلىغان ئۇيغۇرنى سولىۋېلىپ، ئۇلارغا مەجبۇرى قايتا تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

«چېگرا رايوندىكى ئادالەتسىزلىك» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر ماقالىنى كانادالىق ژۇرنالىست ناتان ۋاندېركلىپ قەلەمگە ئالغان. ناتان ۋاندېركلىپ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەركەنت ناھىيىسىدىكى ئىلىشقۇ بازىرىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، سوراق قىلىنغان كانادالىق ژۇرنالىست. 

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي قايتا-قۇرۇش تېخنىكلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭەيتىپ قوللىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مىڭلىغان مۇسۇلماننى سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى «قايتا تەربىيىلەش» كە يوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ناتان ۋاندېركلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن يەرلىك خەلقلەرنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شەخسى مىجەزى ۋە خاراكتېرى خەتەرلىك، دەپ قارىغان ھەرقانداق كىشىنى «قايتا-تەربىيىلەش» كە يوللاۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ دادىسى، يولدىشى، قىزى، كېلىنى، ئوغلى، قولۇم-قوشنا ياكى ئۇرۇق تۇغقىنى تۇيۇقسىز چاقىرتىلىپ، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقى، ئائىلىسىگە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمەيدىغانلىقى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇلارنى «قايتا-تەربىيە» ئېلىپ كېتىلدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن.

ناتان ۋاندېركلىپ ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەقسىتى رادىكاللىقنى يۇقتۇرۇۋالغان پۇقرالارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش، دەپ ئاقلىسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ خىل مەجبۇرى تەربىيە خىتاينى پۇقرالارغا تېخىمۇ دۈشمەن قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت