ئۇيغۇر رايونىدا يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش خىزمىتى باشلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىل 3‏-ئايدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلار يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش خىزمىتى باشلانغان.

خەۋەردە، بۇ خىل يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بېكىتىلىپ بولىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «خوتەن گېزىتى» يېقىندا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، يېزا ھۆددە يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىش ئارقىلىق بۇ يەرلەر دېھقانلارنىڭ «مۇقىم مۈلكى» گە ئايلىنىدىكەن. بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20-30 يىل مابەينىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈپ كېلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر مەزگىلدە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20-30 يىل جەريانىدا بىر تەرەپتىن، يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇر يېزا نوپۇسىغا يەر بېرىشنى توختاتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر خىل سىياسەت ۋە بېسىم بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قولىدىكى يەرلىرىنى خىتاي كۆچمەن دېھقانلىرىغا، بىڭتۇەن ياكى خىتاي ئۆي-مۈلۈك قۇرۇلۇش شىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. ھازىر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېزىلاردىكى يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش قارارىدىن قانچىلىك ئۇيغۇر دېھقاننىڭ «مۇقىم مۈلكى» كە ئېرىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

«خوتەن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، «ھەر بىر پارچە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى يەرنى تىزىملاشقا ئىلتىماس قىلىش، يەر تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، رويخەتكە ئېلىش، يەر كىنىشكىسى تارقىتىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق يەرنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە بېكىتىلىدۇ،» دېيىلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ تەرتىپلەر تاماملانسا، «يەر دېھقانلارنىڭ مۇقىم مۈلكىگە ئايلىنىدىكەن.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت