يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈچ ناھىيەسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-30
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 10 كۈن جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈچ يېرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىگەن.

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 20-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15:54 ئۆتكەندە، يەكەن ناھىيەسىدە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7 كىلومېتىر بولغان. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈك سېزىمى قەشقەر بىلەن ئاتۇش شەھەرلىرىدە ھەمدە مەكىت، مارالبېشى، قەشقەر يېڭىشەھەر، پوسكام، يوپۇرغا ۋە پەيزاۋات قاتارلىق ناھىيەلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك ھېس قىلىنغان.

شۇنىڭدىن كېيىن يەنە 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە كۇچا ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7 كىلومېتىرغا يەتكەن. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:59 ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىمۇ 3.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9 كىلومېتىر بولغان.

ھازىرغا قەدەر خىتاي تاراتقۇلىرى يۇقىرىقى جايلاردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلگەنلىكى ياكى ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان يەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت