كۈنەس ناھىيىسىدە 5 بال يەر تەۋرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدە پەيشەنبە كۈنى ئاخشام سائەت 7:00 ئەتراپىدا 5 بال يەر تەۋرىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى كۈنەسنىڭ ناھىيە مەركىزىدىن 59 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر يەۋ تەۋرىگەندە ئاۋۋال قاتتىق ئاۋاز ئاڭلىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ سىلكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھازىرچە، بۇ يەر تەۋرەشنىڭ كۈنەسكە قانچىلىك زەخمەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە بۇ يەردە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەنلىكى، ئۆي-ماكان ۋە تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلىنغان.

كۈنەس ناھىيىسىدە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنىمۇ 6.4 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت