كۈنەستىكى يەر تەۋرەش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان 12 مىليون سومدىن ئاشقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدە پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا 5 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە 300 كىشى ئاپەتكە ئۇچراپ، 450 تۇرالغۇ ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىمگە ئۇچرىغان. ئىقتىسادىي چىقىم 12 مىليون سومدىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە رايوندىن ھازىرچە ئۆلۈم-يېتىم خەۋىرى كەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ قېتىم ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنىڭ ئاساسەن ياغاچتىن ياسالغان كونا ئۆيلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمما «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» ۋە «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» بويىچە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويغان. ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك توغرىلىقى تېخى دەلىللەنمىدى.

مەزكۇر يەر تەۋرەش كۈنەس ناھىيە مەركىزىدىن 59 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 8 مىڭ مېتىر ئىكەن. يەر تەۋرەش توققۇزتارا ۋە نىلقا ناھىيىلىرىدىمۇ ھېس قىلىنغان.
كۈنەس ناھىيىسى بۇ يىل 1 - ئاينىڭ بېشىدىمۇ 4.6 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت