ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.08.09

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاۋغۇست كۈنى سەھەر سائەت 7:27 دا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بورتالاغا قاراشلىق جىڭ ناھىيىسى ئەتراپىدا 6.6 بال يەر تەۋرىگەن.

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەش رايونىدا ئاھالە شالاڭ بولغاچقا ئۆلۈم-يىتىم ياكى زىيان-زەخمەت ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن. ئەمما بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن.

رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر مىڭ نەچچە ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 34 كىشى يارىلانغان. بۇلاردىن ئىككى كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى جىڭ ناھىيىسىدە بولۇپ، 11 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەن. كۈچلۈك يەر تەۋرەش 20 سېكۇنت ئەتراپىدا داۋام قىلغاندىن كېيىن يەنە تۆت قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم قاتتىق يەر تەۋرەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئىزچىل ھالدا شەخسلەرنىڭ ئاپەت رايونىغا ئىئانە توپلىشىنى مەنئى قىلىپ كەلگەن. ئەمما، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يەر تەۋرىگەندە بولسا، مەجبۇرلاش شەكلىدىكى ئىئانە توپلاش ھەرىكەتلىرى كۆپ قېتىم تەشكىللەنگەنلىكى مەلۇم.

يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان جىڭ ناھىيىسى قازاقىستان چېگراسىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىققا توغرا كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.