يۈ جېڭشىڭ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.13

خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر يىغىندا كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق ئىدېئولوگىيە ساھەلىرىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇ، «شىنجاڭنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق جەھەتلىرىدىكى خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن كۆپ قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن.

يۈ جىڭشىڭ بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىلەر تەتقىقاتى سۆھبەت يىغىنى»دا قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىدىكى بەزى مۇھىم ھوقۇقدارلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇنىڭغا مەركىزى كومىتېت «شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈنشيەن، مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى سۇ جەنشۇ، مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، ج خ مىنىستىرى گۇ شىڭكۈن، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار قاتناشقان. يۈ جىڭشىڭ كومپارتىيەنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى تۈپ نۇقتىئىنەزىرىنى شەرھلەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت ۋە دىن مەسىلىلەرگە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا سۈن چۈنلەن سۆز قىلىپ، بۇ يىغىن «شىنجاڭدىكى بىرقانچە تارىخىي مەسىلىگە بولغان نۇقتىئىنەزەرنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى،» دېگەن. بىراق خىتاي ئاخباراتى، چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا «شىنجاڭدىكى زادى قايسى بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» نىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

يۈ جىڭشىڭ يۇقىرىقى سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش، سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش، ئانا تىل مائارىپىنى چەكلەپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.