خىتاي ئەمەلدارى يۈ جىڭشېڭ بىڭتۇەن ئىسلاھاتىدا مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-01-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جىڭشېڭنىڭ 24-يانۋار كۈنى دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىدا، مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەننى كۈچەيتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

شۇ كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى » خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىپ، مەزكۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جىڭشېڭنىڭ بىڭتۇەننى ئىسلاھ قىلىش، كۈچەيتىش ھەققىدىكى نۇتقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلەپ، بىڭتۇەنگە تايىنىش، بىڭتۇەننى ئىسلاھ قىلىشنى تېزلىتىشنى تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قوشۇن باشلاپ كەلگەن گېنېرالى ۋاڭ جىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى 60-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت زېمىنلارنى ۋە چېگرا بويلىرىنى ئىگىلەش ھېسابىغا قۇرۇلغان. ئەينى يىللىرىدىكى بىڭتۇەن تەركىبىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ رايونغا كەلگەن ئەسكەرلىرى، 1949-يىلى مەغلۇپ بولغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەر، ئوفېتسىرلىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە باستۇرۇلغان، سۈرگۈن قىلىنغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر بار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا بىڭتۇەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانۇنسىز يەر ئىگىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى، «خىتاينىڭ مۇستەقىل كېنەزلىكى» دەپ تەرىپلەنسە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىڭتۇەننى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشتا تايىنىدىغان ھەربىي كۈچى دەپ تەنقىدلەپ، بىڭتۇەننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت