تۈركىيەنىڭ بىر يۈك ئايروپىلانى قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومى قېشىدىكى كەنتكە چۈشۈپ كېتىپ، 37 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.16

بۈگۈن، يەنى 16-يانۋار ئەتىگەن سائەت 7:30 دا تۈركىيەنىڭ خوڭكوڭدىن ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان بىر يۈك ئايروپىلانى قويۇق تۇمان سەۋەبلىك قىرغىزىستاندىكى ماناس ئايرودرومى ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قويۇق تۇمانغا دۇچ كەلگەن بۇ يۈك ئايروپىلانى ماناس ئايرودرومىغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى، مەزكۇر ئايروپىلان ماناس ئايرودرومىنىڭ قونۇش يولىغا ئەمەس، بەلكى ئايرودرومغا قوشنا داچىسۇ كەنتىگە چۈشۈپ كەتكەن. قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇھەممەتقالى ئابۇلغازىيېف بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ۋەقە «ئۇچقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى» تۈپەيلى يۈز بەرگەن، دېگەن.

قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئايروپىلاننىڭ يەرگە سوقۇلۇشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان شىددەتلىك زەربىدە داچىسۇ كەنتىدىكى 33 نەپەر ئاھالە ئۆلۈپ، 17 ئېغىز ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. ئايروپىلاندىكى 4 نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن.

قىرغىز تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېفنىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىشكەككە قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.