خىتاي مەكتەپلىرىدىكى «زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانى» مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-06-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

يېقىندىن بۇيان خىتاي مەكتەپلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار بېرىلىشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 14-ئىيۇندىكى سانىدا، بېيجىڭ 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇرنى قاناش، بېشى قېيىش، تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىغا مەكتەپنىڭ سۈنئىي بىرىكمىلەردىن ياسالغان تەنھەرىكەت مەيدانى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېسىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا بۇ خىل «زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانلىرى» نىڭ 15 شەھەر، 6 ئۆلكىگە كېڭەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئالمىغانلىقى تەنقىدلەندى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو ياشلار گېزىتى، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانى ھەققىدىكى تەنقىدى خەۋەرلىرى نەقىل ئېلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «ئازابلىق ئويلىنىش-مەكتەپلەردىكى زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانى ھەققىدە 5 سوئال» ناملىق ماقالىدە، خىتاي مائارىپ ئىدارىلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەكتەپ مەيدانلىرىغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتمىگەنلىكى، زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانى ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ «زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانى ۋەقەسى، جۇڭگو بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەھدىت بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدلىنىپ، «ئۈگدىگەن ھالەتتىكى باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول ئېچىپ، ھايانكەش سودىگەرلەرنىڭ پايدىنى قوغلىشىپ مەكتەپلەردىكى قۇرۇلۇشتا، زەھەرلىك ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولماقتا» دېيىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت