خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان سۈپەتسىز تەنھەرىكەت مەيدانى يەنە نەچچە ئون ئوقۇغۇچىنى زەھەرلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.06.28

ئىلگىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن «زەھەرلىك تەنھەرىكەت مەيدانى» ۋەقەلىرىدىن كېيىن، شەندۇڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپىدىمۇ تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ يۈگۈرۈش يولىغا ئىشلىتىلگەن پلاستىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەزكۇر خەۋەر ئەڭ دەسلەپ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە چىقىدىغان «چىلو كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە مەكتەپتىكى 10 نەچچە ئوقۇغۇچىدا بۇرنىدىن قان ئېقىش، نەپەس ئالغاندا قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. مەزكۇر مەكتەپتە تەخمىنەن 40-50 نەپەر ئوقۇغۇچىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بىئاراملىق ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئاتا-ئانىلار ۋە دوختۇرلار بۇ ئەھۋاللارنى بىرىكمە تالادىن ياسالغان مەكتەپ تەنھەرىكەت مەيدانىدىكى خىمىيىۋى پلاستىك ماتېرىياللاردىن ياسالغان يۈگۈرۈش يولىدىكى خىمىيىۋى ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپ يۈگۈرۈش يولىغا ئىشلىتىلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلۇقىنى تەكىتلەپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچقان. خەۋەردە يەنە مەزكۇر مەكتەپنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانىنى ياساشنى ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭمۇ مەتبۇئاتلارغا مەيدانغا ئىشلىتىلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، خىتايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەكتەپ دائىرىلىرى ۋە قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ھادىسىلەرگە جاۋابكار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىنتايىن ئاز بېرىلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.