تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى خەلقاراغا مۇراجەت قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.09


دائىرىلەر تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى، سەيشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلدى.

ئېرى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئادۋوكات ئارقىلىق ئەۋەتكەن خېتىنى بايان قىلغان لى ئەيجې خانىم مۇخبىرغا :«ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بوۋاق ئوغلىمىزنىڭ ئىسمىنى كىچىك ماندالا دەپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ، ئوغلىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپتۇ. ئۇ يەنە ئوغلىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مېنى قايتا ياتلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىپتۇ. مەن ئېرىمنىڭ گۇناھسىزلىقىغا ئىشىنىمەن، ھازىر مەنمۇ ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچراۋاتىمەن. مەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا جىددىي دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.

بۈ يىل 45 ياشقا كىرگەن خېنەنلىك جاڭ خەيتاۋ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلغان ماقالە - ئىنكاسلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن، بىرقانچە يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغان. ئۇ 2015 - يىلى 26 - ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 15 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى ئۇنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، 120 مىڭ سوم قىممىتىدىكى شەخسى مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيتچىلىرىنى ئېغىر جازالاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى ئارتىلىپ، مقۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.