ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاينى باشقا ژۇرنالىستلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-07-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

باش شتابى ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى 14-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكمىتىنى ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە بەكمۇ كېچىككەن بولسىمۇ، باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشتە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە چاقىردى.

چاقىرىق كومىتېتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ستېۋ باتلېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. ئۇ، چاقىرىقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ ھەپتە ئۆلۈپ كەتكەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بىھۇدە شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىگە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چوڭ ئورا كولىغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا پەقەت ئىچ ئاغرىتمايمەن.» 

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو 13-ئىيۇل خىتايدىكى بىر دوختۇرخانىدا جىگەر راكى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇنىڭ كېسەللىك مەسىلىسى نەچچە ئون كۈن ئىلگىرى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارالىق دىققەت قوزغىغان. خەۋەرلەردە ليۇ شاۋبو چەتئەلدە داۋالىنىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. چاقىرىقتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ لىيۇ شاۋبونىڭ چەتئەلدە داۋالىنىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى مەسىلىسىدە يەنىلا پۇرسىتى بارلىقى كۆرسىتىلدى. 

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «بەختكە قارىشى شىنىڭ ئۆزىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى يەنە ئىشلىتىدىغان پۇرسىتى جىق. ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى لىيۇ شاۋبو تۈرمىلەردە چەككەن ئىزتىراپلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئارىلىق شەپقەت كۆرسىتىدىغان پۇرسىتىمۇ كۆپ.»

ئوچۇق خەتتە يەنە خىتايدا نۇرغۇنلىغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى بارلىقى، ئۇلارنىڭمۇ داۋالىنىش ھوقۇقلىرىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت رەھىمسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان. 

1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ھەرىكىتىدىن بۇيان ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ بىر نەچچە قېتىم قامالغان ليۇ شاۋبو خىتاينى دېموكراتىيە چاقىرىپ ئېلان قىلىنغان «2008 خىتابنامىسى» نىڭ مۇئەللىپلىرىدىن بىرى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2008-يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنغان ۋە 2009-يىلى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. ليۇ شاۋبونىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقى ئاشكارىلانغان مەزگىلدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. 

گۈلمىرە ئىنىم ۋە ئىلھام توختى قاتارلىقلار خىتاي تۈرمىسىگە ئۆمۈرلۈك قامالغان مەشھۇر ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن. ئىلھام توختى 2014-يىلى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان بولسا، گۈلمىرە ئىمىن 2010-يىلى ئوخشاش جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز كېسىلگەن ئىدى.

تولۇق بەت