خىتايدا «زىيانلىق ئۇچۇر» تارقاتقان تور بەتلەرنى تاقاش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئىنتېرنېت مۇلازىمەتلىرىنى ئاتالمىش «زىيانلىق ئۇچۇر» تارقاتقان تور بەتلەرنى دەرھال تاقاپ قويۇشنى مەشىق قىلىدىغان مەخسۇس مانېۋىرغا ئورۇنلاشتۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركەزلىرى ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئۈچ سائەت بويىچە «جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش» مانېۋىرى قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ مانېۋىرنىڭ-19 قۇرۇلتايدىن بۇرۇنقى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە كىچىك تىپتىكى تور بەتلەرنىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مانېۋىردا تور بەتلەردىكى ئاتالمىش «زىيانلىق ئۇچۇرلارنى» قانداق قىلىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈۋېتىش، تور بەتنى تاقاش، ۋە بۇ تور بەتنىڭ IP ئادرېسى ۋە ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن بىرلىكتە ساقچىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىقلار مەشىق قىلىنغان.

خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق دەپ قارىلىۋاتقان 19-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا خىتايدىكى ئىنتېرنېت تورى ۋە تۈرلۈك ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان قامالنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇلغانلىقى مەلۇم. بىراق، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى رويېتېرس مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئىنتېرنېت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت تورلىرىغا بولغان قامال ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان «باغداش»، «ئىزدىنىش»، «مىسرانىم» قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھازىر تاقىۋېتىلىپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە بلوگلىرىنىڭ سانى ئاز قالغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت