ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-24
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ `تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ياپونىيە ئاتالغۇسى` ناملىق كىتابى 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات تەلىم - تەربىيە پاراۋانلىق فوندى تەرىپىدىن ئىنگلىز ۋە ياپون تىللىرىدا نەشر قىلىندى.
2008-12-24
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ `تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ياپونىيە ئاتالغۇسى` ناملىق كىتابى 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات تەلىم - تەربىيە پاراۋانلىق فوندى تەرىپىدىن ئىنگلىز ۋە ياپون تىللىرىدا نەشر قىلىندى.
2008-12-24
خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن "تاڭ پادىشاھلىقى" دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 15 - قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى تەرىپىدىن پادىشاھ تاڭ شۈئەنزوڭغا بىر رەسىم لەۋھەسى سوۋغا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ رەسىمدىكى سۈرەتنى ئەرەب پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى تاڭ شۈئەنزوڭغا " بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتى" دەپ تونۇشتۇرغان.
2008-12-24
پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىدىن كېيىن، گۇئانتانامو مەسىلىسى قايتىدىن خەلقئارا قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
2008-12-24
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
2008-12-24
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلىشى مۇمكىن بولمىغان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-12-24
كۆپلىگەن ئىسلامىي بانكىلارنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن زىيان كۆرمىگەنلىكى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئىسلامىي بانكىلارنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندىمەكتە.
2008-12-24
خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت پاراشوكى قاتارلىق يېمەكلىكلەردە كۆرۈلگەن زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددا مېلامىن ماددىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلنماقتا.
2008-12-23
يېقىندا پەيزىۋات ناھىيە قوشئاۋات يېزىسى دېھقانلىرىنىڭ، " بۇنداق پارتكوم شۇجىسىنىڭ قىلمىشلىرى قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلار؟ " ناملىق ئەرزى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم تور مەيدانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
2008-12-23
بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ياكى بايرام مەزگىلدىكى ئامانلىق دېگەن ناملار بىلەن باستۇرۇش ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ كەلدى.
2008-12-23
ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ۋە 20 - نويابىر كۈنى جورج بۇشتىن ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالىدىغان باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا بەرگەن باياناتلىرىدا گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى دەپ جاكارلىغان ئىدى.
2008-12-23
ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىم ئۇيغۇر ئىلىدىن تۇنجى بولۇپ، 10 نەپەر ئۇيغۇر بالىسىنى مىسىرغا ئاپىرىپ دۇنياغا داڭلىق ئەڭ قەدىمىي بىلىم گاھ - ئەزھەر بىلىم يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىنى ئاچقان ئىدى.
2008-12-23
يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىگەن ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىرغان ئىدى.
2008-12-23
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنداق سوئاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ: " خىتايلار تۈرمىگە تاشلىدى، دېدۇق. چۈنكى تۈرمىگە تاشلاندۇق. خىتايلار ئەزدى دېدۇق. چۈنكى شۇنداق ئېزىلدۇق. خىتايلار ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئاتتى دېدۇق، چۈنكى ئېتىلدۇق. نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە كىردۇق؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلدۇق؟ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىزىلدۇق؟ تۈرمىگە كىرىش، ئېيتىلىش،ئېزىلىش ئۇيغۇرنىڭ پاتېنت ھوقۇقىمىدى؟ ياكى تەقدىر ئۇيغۇرنىڭ پېشانىسىغا پۈتۈپ كەتكەنمىدى. ئۇيغۇر بىر مىللەت سۈپىتىدە ئىككىنچى بىرسىنى ئېزىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇيغۇر ئىككىنچى بىرسىنى تۈرمىگە تاشلىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇيغۇر ئىككىنچى بىرسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇنداق ھوقۇق زۆرۈرىيەت ئىچىدە ھەر قانداق ئادەمگە، ھەر قانداق مىللەتكە تەبىئەت ئاتا قىلغان پاتېنت ھوقۇقى ئەمەسمىدى؟نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئىككىلەمچى - بوزەك بولىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؟ نېمىشقا يەنە باشقا بىر مىللەت ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىرلەمچى ئورۇنغا چىقىپ ئالدى؟ "
2008-12-23
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.