ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-12-20
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ ئامېرىكىدا ئاچقان قانىلى يېقىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن بىر خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيىتىنى «مىللەتلەر ئارىسىدا توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، دۆلەت كىملىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى يۈكسەلدۈرۈشكە مەركەزلىشىش، » دەپ چۈشەندۈرگەن.
2017-12-20
پاكىستاننىڭ «مىللەت» (The Nation) گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىس كامال ماننو، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى توقۇمىچىلىققا سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ پاكىستان شىركەتلىرى ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2017-12-20
بۈگۈن سۈرىيە خەۋەرلىرى ۋە يېرۇسالېم جامائەت ئىشلىرى مەركىزى خەۋەر تورىدا خىتاينىڭ «كېچە يولۋاسلىرى» ناملىق بىر ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا سۈرىيەگە يېتىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2017-12-20
يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، كورلادا مىسىردىن قايتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن.
2017-12-20
ئامېرىكىدىكى داڭلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرمەكتە.
2017-12-20
يېقىنقى يىللاردا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ خەلقئارادا ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2017-12-20
ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتاب يېقىندا تۈركىيەدە تۈركچە نەشر قىلىندى.
2017-12-20
«بىر پاجىئە، 40 سۆز-شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب يېقىندا تۈركىيەنىڭ تىرابزۇن شەھىرىدە نەشر قىلىندى.
2017-12-20
مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس روھىي ساغلاملىقى ھەققىدە ئۈچ نۆۋەت لېكسىيە سۆزلەنگەن.
2017-12-20
«قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى» دا ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» ناملىق دراما ئەسىرى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.
2017-12-19
2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان ۋە جازالانغان ئۆلكە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىلگىرىلىگەن.
2017-12-19
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى «رەقىب» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز ئارا قارشىلىشىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدا ئەكەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2017-12-19
خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان، دەپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك 10 دېلونى ئېلان قىلدى.
2017-12-19
يېقىندا تەيۋەندىكى بىر نەشرىيات گاۋشيۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن جۈنىڭ ئەسلىمىسىنى نەشر قىلدى. چېن جۈ ئەسلىمىسىدە 2009-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن گاۋشيۇڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كرىزىس ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ فىلىمنى قويۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
2017-12-19
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى تۈرمىگە ئەڭ كۆپ سولىغان دۆلەت تىكەنلىكىنى بىلدۈردى.