ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-11-30
5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا رەسمىي يوسۇندا جاۋاب بەرمەي كەلگەن. دائىرىلەر بەزى چاغلاردا غايىپلار ئائىلە - تاۋاباتىغا غايىپلارنىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقى ياكى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرسە، كۆپ ھاللاردا ئائىلىلەرگە كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتقان.
2012-11-30
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر سەنئەتكار سەنۇبەر تۇرسۇننى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئالداپ ئېلىپ كەلگەن.
2012-11-30
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو - تېلىۋېزىيە ئىدارىسى TRT - haber قانىلىنىڭ «ئۇپۇق سىزىقى» ناملىق پروگراممىسىنىڭ 28 - نويابېر كۈنىدىكى سانىدا «يۈكسىلىۋاتقان خىتاي» ماۋزۇلۇق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.
2012-11-30
يېقىنقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ خىتاي تىلىغا يۈزلەندۈرۈلۈشى جەمئىيەتنىڭ ئىش تەقسىماتىدا ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2012-11-30
مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناملىق كىتاب سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى مىسىرلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد قۇتۇپ يازغان. بۇ كىتابنى مۇھەممەد خالىس، مۇھەممەد ئىمىن پىداكار، م. ئۆمەر ئىسىملىك كىشىلەر ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
2012-11-30
تۈنۈگۈن يەنى 29 - نويابىر كۈنى پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان، بىرلەشكەن دەۋلەتلەر تەشكىلاتىغا نازارەتچى دۆلەت سۈپىتىدە قوشۇلۇش تەكلىپى بىرلەشكەن دەۋلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللاندى.
2012-11-30
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان مەتبۇئاتلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلەپ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل سېنتەبىرگىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 5073 كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
2012-11-30
بۈگۈن خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات ۋە مائارىپ مەھكىمىسى باشلىقى جاڭ جيەن خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىككى پەرزەنت ئېلىشقا يول قويىدىغانلىقىنى رەت قىلدى.
2012-11-30
29-نويابىر كۈنى باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن 30-نويابىر كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە داۋاملاشماقتا. 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 30 مىللەتتىن 60 ۋەكىل قاتناشتى.
2012-11-30
رادىئومىز بۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-نويابىر كۈنى خېنەن جىنپىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، بىر قىسىم نامايىش باشلامچىلىرى قولغا ئېلىنغان.
2012-11-30
ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىدىكى خىتاي خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋېلىنغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خەلقئارالىق جېدەللەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-11-30
خىتاينىڭ بېرمىدىكى ئەلچىخانىسى 30-نويابىر كۈنى ئەلچىخانا تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىدا داۋاملىشىۋاتقان مىس كېنى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق نامايىشىغا ئىپادە بىلدۈردى.
2012-11-29
«سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان، خىتاي دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت تەربىيىسى ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تەدرىجىي يولغا قويۇلغان ئىدى.
2012-11-29
تۈنۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيىسىدە، كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى رومالى بىر خىتاي تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن نەق مەيداندىكى بىرقانچە ئۇيغۇر بىلەن شۇ ئەتراپتىكى يەنە بىرقانچە خىتاي ئارىسىدا ماجىرا كېلىپ چىققان.