ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-11-20
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى ئاخشام تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ، كۆچمەنلەر ئىسلاھات سىياسىتىنى جاكارلايدۇ.
2014-11-20
خىتايدىكى بىر ساناتورىيىدە 6 نەپەر سېسترا بىلەن بىر نەپەر خادىم پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ ۋەقە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ساياھەت ۋە داۋالىنىش ئورنى بولغان بېيدەيخېدىكى بىر ساناتورىيىدە يۈز بەرگەن.
2014-11-20
خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى پۇ جىچياڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش» قا ئۇرۇنۇش قاتارلىق 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ داۋاسى ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىلگەن.
2014-11-20
خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» چاقىرىقىغا ئاساسەن، جاي-جايلاردا ھازىر دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش، مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش، ماي بوياق رەسىم مۇسابىقىسى، كىيىم مودېلى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش، دىنىي مەزمۇندىكى ئۈن-سىن ۋە نەشر ماتېرىياللىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر باشلىنىپ كەتكەن.
2014-11-20
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.
2014-11-19
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل مايدا چۆچەك ۋىلايىتىگە قاراشلىق قوبۇقسار ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ئۆي - جايى مەجبۇرىي چېقىلىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى قاتتىق تاياق يېگەن.
2014-11-19
مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى دەسلەپكى 30 نەچچىدىن 100 نەچچە نەپەرگە يەتكەن.
2014-11-19
تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە جۇغراپىيىسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېڭى تەتقىقات تېمىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2014-11-19
گوللاندىيە شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارمۇ گوللاندىيەدىكى ئون نەچچە يىللىق مۇھاجىرلىق مۇساپىسىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
2014-11-19
18- نويابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.
2014-11-19
ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدا تونۇلغان سەنئەت ئەربابى، ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2014-11-19
«سېنتىر ئاسىيا»دا بېسىلغان ۋىكتور رىلسكىينىڭ «نېمە ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن رەنجىدى؟» ناملىق ماقالىسىدە شۇنداقلا ماۋ زېدۇڭنىڭ دۇنيادىكى ئىنقىلابىي ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ لىدېرى بولۇشقا ئىنتىلگەنلىكىدىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ، ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق دۇنياۋىي ئىمپېرىيالىزم ئۈستىدىن غالىبىيەت قازىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
2014-11-19
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «دىنىي رادىكاللىق، خەلقئارا تېررورلۇق» قا باغلىۋېلىشىغا نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دائىرىلەر مەخسۇس ھالدا دېھقانلارنى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» تېمىسى بويىچە ئېپىزوت ئىشلەپ ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرغان. پائالىيەت بويىچە ھەرقايسى يېزا - ناھىيىلەردىن 88 ئېپىزوت تاللىنىپ چىقىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە سېلىنىدىكەن.
2014-11-19
خىتاينىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋېي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنىڭ كونترول قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ سۆزنى چارشەنبە كۈنى ۋۇجېن شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان «2014 - يىللىق خەلقئارا ئىنتېرنېت يىغىنى» دا قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ تور باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى خىتايدىكى ئالىبابا شېركىتىگە ئوخشاش شېركەتلەرنىڭ غەلىبىسىنىڭ ئاساسى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2014-11-19
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014 - يىلىدىكى «تەسىرلىك شەخسلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ژۇرنال بولغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى 2014 - يىلىدا دۇنيا مىقياسى بويىچە سىياسەت، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، ئاكادېمىيە ۋە دىن قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەسىر قوزغىغان 100 نەپەر شەخسنى تاللاپ چىققان. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ تىزىملىكتە «تەسىر قوزغىغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۇ تۈردە يەر ئالغان شەخسلەرگە بەرگەن ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن :