قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش تەييارلىقىنى باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-12-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
يەتتىسۇ تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقىيېف.
يەتتىسۇ تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقىيېف.
RFA

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيەنىڭ قول ئاستىدىكى يەتتىسۇ تەۋەسىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا مۇھىم سىياسىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. 1917-يىلى رۇسىيەدە يۈزبەرگەن ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بولشېۋىكلەر پارتىيىسى يەتتىسۇدىمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا كىرىشتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاي-جايلاردا يېڭىدىن تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، گېزىت-ژۇرناللار تەسىس قىلىندى، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ئوچاقلىرى ئېچىلدى، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى مەيدانغا كەلدى. مۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلار ھاياتىدىمۇ يۈز بەردى.

ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، قازاقىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار شۇ دەۋىردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلەش، تارىخىي شەخسلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. 25-نويابىر ئالمۇتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە يىغىلغان ئۇيغۇرلار مۇنداق پائالىيەتلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى، بۈگۈنكى كۈندە جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىننى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللى-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى.

يىغىننى ئاچقان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف قازاقىستاندا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەرگە توختالدى. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەر ساھەلەردە يەتكەن ئۇتۇقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ قازاقىستان مەملىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ش. نۇرۇموف مەزكۇر يىغىننى 2018-يىلى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن «ئاتۇ» قانلىق پاجىئەسىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش، ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ 100 يىللىقىنى ئاتاپ ئۆتۈش، شۇنداقلا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھەمدە بۇنىڭغا مەخسۇس كومىسسىيەلەر قۇرۇش مەقسىتىدە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يىغىندا سۆزگە چىققانلار يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلىرى، بولۇپمۇ «ئاتۇ پاجىئەسى»، يەنى 1918-يىلى قىزىل ئەسكەرلەر تەرىپىدىن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىدا پەيدا بولۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى، مەتبۇئاتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيەىنىڭ ئاكادېمىكى ساغىندىق قوزىبايېف يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ قازاق خەلقىنىڭ ئەلىخان بۇكېيخانوف، تۇرار رىسقۇلوف ئوخشاش شەخسلىرىدىن ھېچ قېلىشمايدىغان مەشھۇر ئەرباب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پەقەت شەرقتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي يېزىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتىسۇدا ئۇيغۇر گېزىتلىرىنىڭ بىرىنچىلەردىن بولۇپ يورۇققا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «غۇلجىدا 1911-يىلى ئىلى ۋىلايىتى گېزىتى چىقىشقا باشلىغان. مېنىڭ مەلۇماتلىرىم بويىچە گېزىتلەر تۇرپاندىمۇ، قەشقەردىمۇ بولغان. 1917-ۋە 1918-يىللىرى قازاقىستاندا تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ يەردە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا بارلىق خەلقلەر قاتناشتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارمۇ ۋېرنىي شەھىرىدە 1918-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، گېزىت چىقىرىشنى قارار قىلغان. بۇ گېزىت ‹سادايى تارانچى› دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ھۈسەيىن يۇنۇسوف ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرى بولدى». 

س. قوزىبايېف ئۆز سۆزىدە «سادايى تارانچى» گېزىتىنىڭ بىرىنچى سانىدىن ھېسابلىسا، دېمەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىغا كېيىنكى يىلى 100 يىل تولۇدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى گېزىتنىڭ مىراسخورى بولۇپ ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروفنىڭ پىكرىچە، يۇقىرىدا ئاتالغان ئۈچ مەسىلە بويىچە ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ بارلىقى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى تېگىش. ئۇ قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «25 يىلى ئىچىدە نېمىشقا قازاقىستان لاتىن يېزىقىغا ئۆتمىگەن؟ ھازىر قازاقىستان ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستاندىن ئۆگىنىپ، مەيلى پەشلەر بىلەن بولسۇن، مەيلى پەشلەرسىز بولسۇن، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭغا پرېزىدېنتىمىز قول قويدى. بىراق پەشلەر بىلەن بولغان لاتىن يېزىقى بۇ ھازىرچە ئىش نۇسخىسى. لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش كېرەك بولسا، بىز شۇنىڭغا تەييارمۇ؟ بىزدە 4-5 نۇسخىسى تەييار بولۇشى كېرەك».

ك. مەخپىروف «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ۋە «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ 100 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈشكە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مەركەز ئەتراپىغا توپلىنىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تالغىر ناھىيىسى كالىنىن يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئابدۇرېيىم مۇھەممەتوف مەزكۇر يىغىندا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ مەسىلىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ باش قوشۇشتا ئۈچ نەرسىنى قانداق ئۆتكۈزىمىز دېگەن توغرىلىق گەپلەر بولدى. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆتكۈزۈشتە پىلان، پروگرامما كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى بولىدۇ، خەلققىمۇ پايدىسى بولىدۇ. بۇنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، خەلقئىارادىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە دەپ قارايمەن». 

دوستلۇق ئۆيىدە ئۆتكەن يىغىن داۋامىدا ئۈچ كومىسسىيە قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىگە ئالىملار، يازغۇچىلار، تىجارەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە باشقىلار كىردى. ھەر ئۈچ كومىسسىيىلەرنىڭ رەئىسلىكىگە شاھىمەردان نۇرۇموف سايلاندى. يىغىندا شۇنداقلا ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئاكتىپلىق كۆرسەتكەنلەرگە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «ساخاۋەت» مېدالى ھەم پەخرىي يارلىقلىرى تاپشۇرۇلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت