تارىخى شاھىت: خەلقىمىز بەش يىل خۇشال-خۇرام ئۆز بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.11.17
sherqiy-turkistan-jumhuriyiti-milliy-armiye-chong-ofitserliri-ghulja.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ چوڭ ئوفىتسىرلىرى، غۇلجا، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس
RFA/Oyghan

بۇ يىل، 12-نويابىر كۈنى، 1933-يىلى، 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە 84 يىل، 1944-يىلى، 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 73 يىل توشقان خاتىرە كۈنىدۇر. بىرىنچى، جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشقا قاتناشقان تارىخى شاھىتلار ھازىر يوق بولسىمۇ، ئەمما 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۆرگەن ۋە ئۇنى قۇرۇش ھەم مۇستەھكەملەش كۈرەشلىرىگە قاتناشقان تارىخى شاھىتلارنىڭ ئاز ساندىكى بىر قىسمى ھازىرمۇ ھايات. ئەنە شۇلارنىڭ بىر قىسمى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ ياشىماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى يېنىدىكى تۈرگەن يېزىسىدا ياشاۋاتقان يېشى 90 غا يېقىنلاشقان نۇرمۇھەممەت سادىقوفتۇر. 12 نويابىر جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئەلىخان تۆرە قاتارلىق «ئازادلىق تەشكىلاتى» رەھبەرلىرىنىڭ چوڭ يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئەھۋاللارنى ئەسلىدى.

تارىخى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجا شەھىرىدە نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار بەش كۈنلۈك جەڭلەردىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىكى ۋالىي مەھكىمىسى، يەنى قوماندانلىق شتاب، ساقچى ئىدارىسى ۋە باشقا ئاساسىي ئورۇنلارنى ئىشغال قىلىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئازاد قىلغان. غۇلجادىكى گومىنداڭ قوشۇنى ۋە بارلىق ئىدارە-جەمىيەتلەردە ئىشلەيدىغان خىتاي خىزمەتچىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، لاڭشاڭ، ئايرودروم قاتارلىق ئۈچ نۇقتىغا كىرىۋېلىپ، مۇداپىئەلەنگەن. مانا شۇنداق ۋاقىتتا ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبىدا يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئەلىخان تۆرە رەئىس، ھاكىمبەگ خوجا مۇئاۋىن رەئىس، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ھۆكۈمەت باش كاتىپى بولۇپ سايلىنىدۇ شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايراق دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم چىقىرىلىدۇ.

بۇ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە پىدائىي سۈپىتىدە قاتناشقان نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ زالغا كۆپ ئادەم پاتمىغانلىقى ئۈچۈن تۇغ مەيدانى دەپ ئاتالغان چوڭ مەيداندىمۇ جۇمھۇرىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەم ئۇ ئۆزى بۇنىڭغا قاتناشقان.

نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندا غۇلجا خەلقى قاينام تاشقىن ۋە شاتلىققا چۆمگەن شۇنىڭدەك پۈتۈن خەلق قورالسىز بولسىمۇ قوزغىلىپ، ئۆزلۈكىدىن ھەرەمباغ، ئايرودروم قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر 10 نەچچە ئادەمدە بىرەر دانە مىلتىق بار بولۇپ، قوللىرىدا نەيزە، كالتەك كۆتۈرگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن.

ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن غۇلجا شەھىرىدىكى ۋە باشقا ئازاد بولغان جايلاردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ بايراق غۇلجا شەھىرىدىكى ئاساسلىق كوچىلارغا، ئىدارە-جەمىيەتلەرگە ۋە مەكتەپلەرگە ئېسىلاتتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناس دوكتور قاھار بارات ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرى، بايرىقى ۋە باشقا دۆلەتچىلىك سىستېمىلىرىغا ئىگە ھاكىمىيەت ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قارار چىقىرىپ 12-نويابىر كۈنىنى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، بەش يىل جەريانىدا خەلقنىڭ ئەركىن ۋە ھەر مىللەتنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر ياشىغانلىقى، مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1945-يىلى، 2-ئايدا پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتى ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىپ، شۇ يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى، تارباغاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى تولۇق ئازاد قىلىنغان ھەم ئىنقىلاب قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىغىچە يېيىلغان. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 12-نويابىر كۈنىنى دۆلەت دەرىجىلىك بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ھەر يىلى 12-نويابىر كۈنى پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى تەۋەسىدە ئۇدا بەش يىل بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. نۇرمۇھەممەت سادىقوف شۇ ۋاقىتتىكى بەش يىللىق يۇقىرى كەيپىياتتا بولىدىغان بايرام مەنزىرىسىنى، يەنى خەلقنىڭ بايرام كۈنىدە پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشاللىققا چۆمىدىغانلىقى، ھەممىلا يەردە ناغرا -سۇنايلار چېلىنىپ توي مۇراسىمى كەبى تۈس ئالىدىغانلىقى، چوڭ يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە باشقىلارنى ئەسلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.