ياپونىيىدە نەشىر قىلىنغان «ما خۇسەن ۋە تۇڭگان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق ماقالە ھەققىدە

ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى سىگىياما توكۇتارو ئەپەندى ياپونىيىنىڭ سەيتاما ئۆلىكىسىدە نەشىر قىلىنىدىغان «تاۋۇز» ژۇرنىلىنىڭ 331 سانىدا «ما خۇسەن ۋە تۇڭگان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق 30 بەتلىك ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.01.06
ma-xushen-305.png 1934-1937-يىللىرى ئارىلىقىدا خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە «تۇڭگان ئالتۇنى» ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىلىتارىست-ما خۇشەن
Public Domain


ئاپتور مەزكۇر ماقالىدە 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە غەربىي قىرغىقىدا ھۆكۈم سۈرگەن ما جوڭيىڭ ۋە ما خۇسەن ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالغان شۇنداقلا ما جوڭيىڭ ۋە ما خۇسەن ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىلىرى ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتكەن.

ما خۇسەن ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىرى ھەققىدە، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ مەسئۇلى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە تۇڭگان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى، ماجوڭيىڭ ۋە ما خۇسەننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈرۈمچىدىكى شېڭ شىسەي بىلەن بولغان سۆھبەتلەر،ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇش مۇمكىن بولماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قوشۇنلىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمدارلىق قىلغان ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن خوجا نىياز ھاجىم ۋە يولۋاس قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر ئۈستىدە توختالغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە ياپونىيە ئىسلام دىنىي جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سېنجۇرو ئەپەندىمنىڭ كۆكخوتقا بېرىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام دىنىي جەمىيىتى قۇرۇپ، ياپونىيە ئىسلام دىنىي جەمىيىتى بىلەن ئۆزارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسماننىڭ ياپونىيىلىك سۇزۇكى يوشىكو بىلەن نىكاھلانغانلىقى، سۇزۇكى يوشىكو خەنىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسمىنى ئامىنەگە ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ۋەقەلەر تەسۋىرلەڭەن. ئاپتور يەنە سۇزۇكى يوشىكو خېنىمنىڭ «قارا پەرەنجىلىك ئايال» ناملىق كىتابنى يازغانلىقىنى قەيت قىلىپ، خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسمانىڭ بۇ ئايالىنىڭ ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرا - ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور تۇرمۇھەمەت ئەپەندىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.