1945-يىلى موسكۋانىڭ مىللىي ئىنقىلابچىلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇش ھەققىدىكى ئارخىپلىرى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى. 1950-يىللار.
مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى. 1950-يىللار.
RFA/Oyghan

1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىگە ئائىت بىر قىسىم سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى تارىخىغا ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەنە شۇ سوۋېت ئارخىپلىرى ئارىسىدا 1945-يىلى، 9-ئايدا مىللىي ئارمىيە شىخۇ ۋە جىڭنى ئازاد قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا تۇيۇقسىزدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ يۈرۈشلىرىنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىپ، ئاخىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان مەسىلىلەرگە ئائىت ماتېرىياللارمۇ بار.
ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ ئارخىپلىرى قاتارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيانىڭ 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ستالىن، مولوتوۋ ۋە مالېنكوۋ قاتارلىقلارغا يوللىغان 1945-يىلى، 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتى ئورۇن ئالغان. بۇ دوكلاتتا بېرىيا مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي غەلىبىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى سىياسىي بيۇرودىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە يوليورۇق سورىغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى تارىخىغا دائىر ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 1945-يىلى، 15-سېنتەبىر كۈنىدىكى «شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە مەخپىي قارارىنىڭ ئەسلى رۇسچە كوپىيەسى بىلەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئورۇن ئالدى.

بۇ قارار 1945-يىلى، 9-ئايدا جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مىلى ئارمىيەنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشىنىڭ سىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە : «سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ھەم شىنجاڭ ھەققىدىكى باشقا بىر قاتار كېلىشىملەر ۋە ئالماشتۇرۇلغان نوتىلارغا ئاساسەن شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇشنى زىممىسىگە ئالىدۇ» دەپ ئېيتىلغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى پېتروۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتتە ۋاسىتىچى بولۇشقا رازى بولغانلىق باياناتىنى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گەن نەيگۈئەنگە تاپشۇرۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
مەركىزى كومىتېت، پېتروۋ خىتاي تەرەپكە تاپشۇرىدىغان مەزكۇر باياناتنىڭ تېكىستىنى تەييارلاپ بەرگەن. بۇنىڭدا «ئۆزلىرىنى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان كىشىلەرنىڭ غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇلىدىن رۇسلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئاھالىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش مەقسىتى يوقلۇقى، شىنجاڭنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە ئاپتونومىيىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى » ۋە باشقىلار يېزىلغان.

ئاخىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز چېگرالىرىدا يېنىدا تەرتىپ ئورنىتىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر خىتاي تەرەپ خالىسا غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇلىغا ئۇنىڭ خىتاي تەرەپكە ھەمكارلىق كۆرسىتىشىنى تاپشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر قارار مولوتوۋ، بېرىيا، ۋىشېنسكىي، كوبۇلوۋ قاتارلىق سوۋېت ئالىي رەھبەرلىرىگە يوللاپ بېرىلگەن. ئەمما، بۇ قارار غۇلجادىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئىدى.

تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانا شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ ئۆزى ياردەم بېرىۋاتقان مىللىي ئارمىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئەلىخان تۆرە قاتارلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىغان. بۇ قاراردىن بىر ئاي كېيىن، 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ 15-17- كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئىككى تەرەپ سۆھبىتى باشلانغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت