ئىشچىلىقتىن گېنېراللىققىچە - زۇنۇن تېيىپوفنىڭ جەڭگىۋار ھايات مۇساپىسى (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.10.12
zunun-teyipof-herbiy-forma.jpg مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف ئەپەندى. 1945-يىلى 5-ئايلار، غۇلجا. (پودپولكوۋنىك ئۇنۋانى مەزگىلىدە)
Social Media

ئۇ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن كۆيگەن قابىل قوماندان ئىدى


1945-يىلى، 4-ئايدا زۇنۇن تېيىپوف مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلاتتى. ھازىر ئالماتادا ياشاۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتا زۇنۇن تېيىپوفنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىشى ئۇنىڭ ئەسلىدىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ۋە ئەلىخان تۆرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

زۇنۇن تېيىپوف، 1945-يىلى، 7-ئايدا مىللىي ئارمىيە ئۈچ فرونت بويىچە ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغاندا، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوف بىلەن بىرگە شىمالى فرونتتىكى جەڭلەرگە، يەنى ئالدى بىلەن دۆربىلجىن ۋە چۆچەكنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان شۇنىڭدەك چۆچەكتە مۇستەقىل ئاتلىق برىگادا قۇرۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان، ئارقىدىن ئۇ 1945-يىلى، 3-8-سېنتەبىر كۈنلىرى گېنېرال پالېنوف بىلەن بىرگە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى شىخو جەڭ مەيدانىدا بولۇپ، شىخونى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان.

زۇنۇن تېيىپوف تاكى 1948-يىلى 7-ئايغىچە مىلى ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغاندىن كېيىن، 1948-يىلى، 1-ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى رەئىسلىكىدە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاممىۋى-سىياسىي ئورگان - «ئىتتىپاق» مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان.

«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە مىللىي سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئاز ساندىكى قابىل كوماندىرلاردىن بولۇپ، ئاددىي بىر ئىشچىلىقتىن ئاخىرى بىر ئارمىيەنىڭ قوماندانى، ھەتتا ئاخىرىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقلىق دەرىجىسىگە، گېنېرال مايورلۇققىچە يېتىشى، ئۇنىڭ ھەربىي تالانتى بار شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ھازىر ئالماتا شەھىرى يېنىدىكى تۈرگەن يېزىسىدا ياشاۋاتقان، سابىق مىللىي ئارمىيە ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونى جەڭچىسى، 89 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە-جەڭچى ئوفىتسېرلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە تەسىرى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 28 يېشىدىلا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىق دەرىجىسىگە يېتىشى جەڭچى-ئوفىتسېرلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىكەن.

زۇنۇن تېيىپوف، 1949-يىلى، 10-ئايدا ئۇيغۇر دىيارى ستالىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكەندىن كېيىن، 1950-يىلى، مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» قۇرۇلغاندا مەزكۇر ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇ، بۇ ۋەزىپىسىدە تاكى 1961-يىلىغىچە ئىشلىگەندىن كېيىن، يەنە بىر مىللىي ئارمىيە قوماندانى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى مەرغۇپ ئىسھاقوف قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئالماتاغا ماكانلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر ئىككى گېنېرالىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى ۋە گېنېراللىق پاگونلىرىدىن ۋاز كېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا 1962-يىلىدىكى ئىلى-چۆچەك ئاھالىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مەزكۇر ئىككى گېنېرالنىڭ قولى بار دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئوتتۇرىغا چىققان. ھەتتا خىتاي تور بەتلىرىدە يېقىنقى يىللاردا ئۇلارنى خاتا ھالدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «ئىككى رۇس گېنېرالى» دېگەندەك خاتا ئاتاشلارغا ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.

سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف ئالماتادا ياشىغان ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى سىياسىي قىسمەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇ دائىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئۆز ئانا ۋەتىنىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتادىكى ئالىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئىشچىلار ۋە تەمىنات ساھەسىدىكى رەھبىرى خىزمەتلەردە بولۇپ، 1977-يىلى پېنسىيەگە چىققان. بۇ جەرياندا ئۇ خەلق ئىچىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

زۇنۇن تېيىپوف سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ئەسلىمىسىنى تەييارلاپ، 1975-يىلى، موسكۋادا رۇس تىلىدا، كېيىنرەك ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلدۇرغان شۇنىڭدەك 1982-يىلى، قازاق فىلىم ستۇدىيەسى ئىشلىگەن «غېنى باتۇر» ناملىق ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەنلىكىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىگە ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىمدا غېنى باتۇرنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدىكى باتۇرلۇق ئىش ئىزلىرى ھەم مىللىي ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە توختالغان. بۇ فىلىم ئارقىلىق زۇنۇن تېيىپوفنىڭ جانلىق سېيماسى ۋە ئاۋازلىرى كېيىنكىلەر ئۈچۈن خاتىرە بولۇپ قالغان ئىدى.
زۇنۇن تېيىپوف 1984-يىلى، 67 يېشىدا ئالماتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.