سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى: بىز ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرغان ئىدۇق (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.09.21
Milliy-armiye-generalliri-we-ofitserliri.jpg مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى. (تارىخىي ماتېرىياللاردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

غۇلجا 2- ۋە 4‏-پىيادىلەر پولكى ماناس دەرياسى بويىدا

تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا شىخو ۋە جىڭنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلغان. مىللىي ئارمىيەنىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرى شۇ ئاينىڭ 12-كۈنلىرىدىن بۇرۇن ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا شىخودىن قاچقان گومىنداڭ قالدۇق كۈچلىرى ماناس دەرياسى كۆۋرۈكىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ، ماناس دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدا ئاكوپ كولاپ مۇداپىئەدە تۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ شەرققە ئىلگىرىلەپ، ئۈرۈمچىگە 150 كىلومېتىر قېلىشتەك بۇ جىددىي ۋەزىيەتتە گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ جىددىي ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ھەربىي ۋەزىيەتكە قاتناشقان تەيۋەن تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن» ماۋزۇلۇق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ كەيشى بۇ ۋاقىتتا 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گۇ جىچاۋنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ۋە چىڭخەيدىكى ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ماڭدۇرغان ۋە شەرقىي تەرەپلەردە مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان 46-پىيادىلەر دىۋىزىيەسىمۇ ماناس ۋە قۇتۇبى لىنىيەسىگە يۆتكىگەن.

بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەمۇ بۇيرۇق بويىچە ماناس دەرياسىدىن ئۆتمەي، مۇداپىئەدە تۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ غۇلجا پىيادىلەر زاپاس 4-پولكى، غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى، شىخونى ئىگىلىگەن سۈيدۈڭ پىيادىلەر 1-پولكى ۋە لېسكىن كوماندىرلىقىدىكى ئۈچ پولكتىن تەركىب تاپقان ئاتلىق برىگادە ھەم باشقا قوشۇنلار ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا شىمالدىن جەنۇبقا 60 كىلومېتىرلىق لىنىيە بويىچە ئاكوپلار ۋە ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ، مۇداپىئە سېپى ھاسىل قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەن.

ماناس ئالدىنقى سېپىدە مۇداپىئەدە تۇرغان مىللىي ئارمىيە غۇلجا ئازادلىق نىشانلىق 2-پىيادىلەر پولكىنىڭ سابىق جەڭچىلىرىدىن بىرى ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى بايان قىلغان ئەسلىمىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماناس دەرياسىنىڭ تاغقا تۇتىشىدىغان جايىدىن ساۋەنگىچە بولغان قىسمىدا غۇلجا 2-پىيادىلەر پولكى مۇداپىئە تۇرغان بولۇپ، ئۇلار تەخمىنەن 4-5 كىلومېتىرنى ئىگىلىگەن، ئۇلارنىڭ بۇ ئاكوپ-لىنىيەلىرى زاپاس 4-پولك بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان.

ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىن بولغان، ئوزۇق-تۈلۈكلىرى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. جەڭچى-ئوفىتسېرلارنىڭ ھوشيارلىقى يۇقىرى بولۇپ، ھەربىي ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پوستا تۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى بەجانىدىل ئورۇندىغان.

مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس ئالدىنقى سېپىدە مۇداپىئەدە تۇرغان غۇلجا زاپاس ‏4-پىيادىلەر پولكىنىڭ شتاب ئوفىتسېرى زاھىر ساۋدانوفنىڭ «ماناس دەرياسىدىن قايتىش» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، مىللىي ئارمىيەنىڭ غۇلجا زاپاس ‏-4پىيادىلەر پولكى ماناس دەرياسىنىڭ ئۆزىگە ئايرىلغان جايلىرىدا ناھايىتى مۇكەممەل، سىستېمىلىق ۋە ياخشى نىقابلانغان ئاكوپلارنى ھەم گەمىلەرنى قۇرۇپ، ئۇزۇن مۇداپىئە تورى ھاسىل قىلغان. جەڭچىلەر بۇ ئاكوپلاردا كۈز ۋە قىش ئايلىرىنى ھەم 1946-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىنىڭ يېرىمىنى ئۆتكۈزگەن.

ئەينى ۋاقىتتا ماناس دەرياسى بويىدا پوستا تۇرغان ئابدۇرېشىت ئەپەندىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلار تۇرغان ئاكوپلار بىلەن دۈشمەننىڭ ئاكوپلىرىنىڭ ئارىلىقى بەزى جايلاردا 150-200 مېتىر، بەزى جايلاردا 4-5 يۈز مېتىرلا كېلەتتى، دۈشمەننىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىپ، ماناس دەرياسى بويىدا دۈشمەن بىلەن يۈزمۇ-يۈز تىركىشىپ تۇرۇشى جەڭچى-ئوفىتسېرلارنى ئەجەبلەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كېيىنرەك بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەنگەن.

تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەنىڭ غۇلجا پىيادىلەر 2- ۋە زاپاس 4-پولكلىرى ھەم باشقا كۈچلىرىگە قارشى گومىنداڭ ئارمىيەسى ماناس دەرياسى بويىغا پىيادە ئەسكەرلەر 46-دېۋىزىيەسى ۋە ئىلگىرىكى زاپاس 7-دېۋىزىيە ۋە 45-دېۋىزىيەنىڭ بەزى قالدۇق كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى، ماناس دەرياسى مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار، تەيۋەن تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، ماناس دەرياسى بويىدىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيىسىدە تۇرغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا دەريانىڭ غەربىي تەرىپىدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئاكوپلىرىدا قورقۇنچ، ئەندىشە ئىچىدە تۇرغان. ھەتتا 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، گېنېرال گۇ جىچاۋ ماناس ئالدىنقى سېپىگە كېلىپ، جەڭچىلىرىگە ئىلھام بەرگەن ئىكەن. ئەمما، ئۇلار مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلماي، پەقەت ئاكوپ كولاپ مۇداپىئە تۇرغانلىقىدىن ھەيران بولۇشقان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېچ چۈشىنەلمەي تۇرغاندا، شۇ يىلى 10-ئايدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەت باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرى دەريانىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى مۇداپىئە لىنىيىسىدە تاكى 1946-يىلى، 7-ئىيۇنغىچە خاتىرجەم ياتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.