پولات قادىر تۇرفانىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 44 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.08.24
polat-qadir-turfani.jpg پولات قادىر تۇرفانىنىڭ قەبرىسى. (1919-1970)
RFQA/Erkin


ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان پولات قادىرى تۇرفانى بۇندىن 44 يىل بۇرۇن 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ، بىر تارىخچى ۋە جۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم تارىخىي مەنبە بولماقتا.

پولات قادىرى تۇرفانى يازغان ئىككى ئەسەر تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنغاننىڭ سىرتىدا 2014 - يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتلىرىدا رامازان ئاقباش ئىسىملىك ئوقۇغۇچى «تارىخچى، ژۇرنالىست زىيالىي شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق پائالىيەتچىسى پولات قادىرى تۇرفانى ۋە ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى» ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازدى.

ئۇنىڭ 1960 - يىلى نەشىر قىلىنغان «خىتاي مۇستەملىكىسى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق كىتابى بىلەن 1947 - يىلى ئۈرۈمچىدە يېزىلغان «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابى يېقىندا تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى.

پولات قادىرى تۇرفانى كىم؟

پولات قادىرى 1919 - يىلى ئۈرۈمچىگە قاراشلىق قۇتۇبى ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، شىنجاڭ دارىلمۇئەلىمىننى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1941 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە تەرھرىرلىك قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، قىسقا زامان ئىچىدە باش تەھرىرلىككە ئۆسكەن. ئۇ، 1943 - يىلىدا مىللەتچىلىك قالپىقى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، 6 ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قايتا خىزمەت ئورنىغا قايتقان. 1949 - يىلى، پولات قادىرى تۇرفانى ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار بىلەن كەشمىرگە قېچىپ چىقىپ 3 يىل ئۇ يەردە تۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مەمەتەمىن بۇغرانىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەندىن سىرت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خىتايچە دەرس بەرگەن. ئۇ، 1966 - يىلى گېرمانىيەنىڭ مىيۇخېن شەھرىدىكى ئازادلىق رادىئوسىدا خىزمەتكە باشلىغان.

پولات قادىرى تۇرفانى بۇندىن 44 يىل بۇرۇن 1970 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇ ۋەتەندىن 2 بالىسى بىلەن ئايىلىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە بالا - چاقىلىرىنىڭ چەتئەلگە ئېلىپ چىقىش مۇمكىن بولمىغاچقا تۈركىيەلىك بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولۇپ ئۇنىڭدىن پەرزەنتى بولمىغان.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيەدىكى ۋاقىتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالا يېزىپ قالدۇرغان.

پولات قادىر تۇرفانىنىڭ قىزى چولپان خانىم 2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا كېلىپ 5 ياش ۋاقتىدا ئايرىلغان، ئۇزۇن يىل قەيەردە ئىكەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەر ياشىغان دادىسى پولات قادىر تۇرفانىنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ دۇئا قىلىپ كۆز يېشى تۆكتى. ئاللاھ پولات قادىرى تۇرفانىنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولسۇن.

پولات قادىرى تۇرفانى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.