سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە: ئوسماننىڭ ئازابى(5)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.02.23
suzuki-amine-yapon-uyghur-305.png سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە خانىم
RFA/Qutluq

ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ئايال سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنەنىڭ «يېقىلغان خانىش»ناملىق تارىخىي ئەسلىمە كىتابىنىڭ «ئوسمانىڭ ئازابى» دېگەن بۆلىكىدە ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى ئوسماننىڭ روھى - كەيپىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:

«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىش ۋە كىرىش ئىشلىرى ئەركىنلەشتى. شېڭ شىسەي تەختتىن چۈشۈپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئوسماننىڭ دوستى مەخسۇت رەئىس بولدى.1946 - يىلى 5 - ئايدا بىز بىلەن بىرگە بېيجىڭدە تۇرىۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاردىن باي ئەزىزى ۋە ئايالى لى خانىم قاتارلىقلار شىنجاڭغا قايتىپ كەتتى.بېيجىڭدە پەقەتلا ئوسماننىڭ دوستى ئىسمائىل بولۇپ، ئۇ، ئوسماننىڭ يولدىشى ئىدى.ئىسمائىل بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىخشانىسىدا خىزمەت قىلاتتى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشخانىسى بولسا ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىخشانىسىغا ئوخشاش مەخپىي خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن ئىدى. شۇ ئارىدا ئوسمان تيەنجىندىن قايتىپ كەلدى.ئۇ تيەنجىندىن قىممەت باھالىق گىلەم، تىرىدىن تىكىلگەن،يۇڭ توقۇلمىلارنى، گۆھەر، ياقۇت قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ۋە شۇنداقلا كۆپلىگەن ئامېرىكا دوللىرىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەچكە بىزنىڭ ئەمدى ئۆيدىكى تىللالارنى سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئوسماننىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىسى بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن؛ - سەن نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلار بىلەن بىرگە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىسەن؟ - دېدىم. ئوسمان ماڭا، - مەن ئامېرىكىلىقلارنى ياخشى كۆرمەيمەن. ئەمما ئامېرىكا بولسا كاپىتالىستىك دۆلەت، ئۇلار خىتايلارنى قوللىمايدۇ. لېكىن، ياپونىيەنى قوللايدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنى بۇ جەھەتتىن ياخشى كۆرىمەن. - دېدى. مەن ئۇنىڭغا: - بۇ ناھايىتى غەلىتە ئىش! چۈنكى ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ دۈشمىنى - دېدىم. ئوسمان ماڭا قاراپ: - بۇ كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشتىكى سىياسەت سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن. بىز ياپونىيەدىن ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىدىن بەكرەك ئۈمىت كۈتۈمىز. مەن بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنى بەك ئۆچ كۆرىمەن ۋە نەپرەتلىنىمەن.قارا! شىنجاڭ بولسا خىتاينىڭ كونتوروللىقىدا. بىز ھەرگىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى، بىزگە سالغان ئازابلىرىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئەگەر بىرەرسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىنكار قىلسا ۋە خىتايغا قارشى تۇرسا ئۇلار بىزنىڭ ھەقىقى قوللىغۇچىلىرىمىز ۋە دوستىمىز بولىدۇ. - دەپ ھاياجان ئىچىدە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ سۆزلەشكە باشلىدى.مەن ئوسماننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئەشەددىي نەپرىتىنى بىلىپ،ئۇنىڭ ھاياتىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

بۇ پۈتۈنلەي ئوسماننىڭ ئۈمىدى بولۇپ،ئۇ ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تولىمۇ ئويلايتتى.ئوسمان گەرچە بۇ يولدا بىر نەچچە قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى. مەن ئۇنىڭ تەۋرەنمەس روھىغا قايىل ئىدىم.شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيتۇم.ئۇ،ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغان ئەركەك ئىدى.ئوسماننىڭ ئاجىزلىقى بولسا تولىمۇ ھاياجان بولۇپ،ئەگەر ئۇ سىياسەتچى ۋە ياكى ئىنقىلابچى بولماقچى بولسا بۇ خىل خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك دەپ ئويلايتتىم.بىر كۈنى ئوسمانغا خەت كەلدى.مەن بۇ خەتكە تولىمۇ قىزىقانلىقىمدىن ئوسماننىڭ رۇخسىتىسىزلا لىپاپىنى ئاچتىم.لىپاپا ئىچىگە ئالدى - كەينىگە يېزىلغان بىر پارچە خەت ۋە بىر پارچە كىچىكرەك رەسىم سېلىنغان بولۇپ،رەسىمدە سەللىلىك بىر بوۋاي ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان،ئۇنىڭ يېنىدا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر خانىم،12،13 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى.رەسىمنىڭ ئارقىسىغا ئانىخان خانىم،دەپ يېزىلغان ئىدى.بۇ بەلكىم ئوسماننىڭ خوتۇنلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك ياخشى كۆرۈدىغان تۆتىنچى خوتۇنى ئانىخان،خەتنى يازغان رەسىمدىكى بوۋاي، شۇنداقلا رەسىمدىكى ئوغۇل بالا ئوسماننىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.خەتتە ئۇ،خوتۇن ئۆزىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى توغرىسىدا توختالغان.ۋە شۇنداقلا ئوسماننىڭ تۇنجى ئايالىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئىككىنچى،ئۈچىنچى خوتۇنلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن قايتا توي قىلغانلىقى ئەكسەرتىلگەن. ئۇ،خەتتە ئۇ،خوتۇن ئوسماننى ئۇنۇتمىغانلىقىنى ۋە ئوسماننى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئوسماننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ يازغان. خەتتە ئاخىرى ئانىخان ئوسماننىڭ تېزرەك قەشقەرگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەن رەسىمگە قايتا - قايتا قارىدىم.رەسىمدىكى بالا ئوسمانغا بەكمۇ ئوخشايتتى.مەن رەسىمدىكى ئايالغا قاراپ تولىمۇ ھەسەت قىلدىم.

ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ بۇ يەردە بىزگە يېقىن يەردە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار قالمىدى.بېيجىڭدە ئوسماننىڭ تۇرالىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ياپونىيەلىك بولغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ خەتتىن كېيىن ئوسمانغا يەنە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىن ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن كۆپلىگەن خەتلەر كەلدى.خەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇنىڭ يۇرتقا بالدۇرراق قايتىپ كېلىشى ئىلتىماس قىلىنغان.بىر كۈنى بەش - ئالتە ئادەم يۇرتتىن كېلىپ ئوسماننىڭ ئۆزىنىلا شىنجاڭغا ئېلىپ كەتمەكچى بولدى.ئۇلار گەرچە مېنىڭ بارلىقىمنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوسماننىڭ ئۆزىنىلا يالغۇز ئېلىپ كېتىشنى ئويلاپ،مېنى پەقەتلا ئويلىمىدى. لېكىن ئوسمان ئىككى بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىشنى خالىمىدى.ئەگەر مېنىڭ بالىلىرىم بولمىغان بولسا، ئوسمان مەن بىلەن ئاجرىشىپ يۇرتىغا كېتىشى مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ئۇ،ئاخىرى مېنى ۋە بالىلارنى ئېلىپ ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە شىنجاڭغا قايتىشىمىزنى قارار قىلدى.

ئۇ،تولىمۇ تەلەيلىك بولۇپ،بېيجىڭدىكى ساقچى باشلىقىنى تونۇيتتى.شۇ مۇناسىۋەتكە تايىنىپ،مېنىڭ كىملىك رەسمىيىتىمنى بېجىردى.نوپۇسقا مېنى شىنجاڭلىق دەپ تىزىمغا ئېلىپ، مېنىڭ ئىسىم - فامىلەمنى ئامىنە ئوسمان دەپ يازغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىز شىنجاڭغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە تەييارلىق قىلدۇق.بىز چۆل - باياۋانلاردىن كېزىپ ئۆتۈش ئۈچۈن 15 تۆگە سېتىۋالدۇق.بىز سەپەر تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ بولغاندا.تۇيۇقسىزلا غەربىي شىمال مەھكىمىسىدىن ئۇقتۇرۇش خېتى تاپشۇرۋالدۇق.خەتتە شىنجاڭنىڭ رەئىسى بىزنى ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشىمىزنى ئېيتقان ئىكەن. بىز شىنجاڭغا ئايروپىلان بىلەن قايتىشنىڭ قولايلىقىنى بىلەتتۇق.شۇڭا يۈك - تاقلىرىمىزنى قۇمۇلغا ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تۆگىلەر بىلەن ئاپىرىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئاخىرى ئايروپىلان بىلەن قايتىشنى بەلگىلىدۇق.

1947 - يىلى 5 - ئايدا بىز ئۆي خىمەتچىلىرىمىز بىلەن خوشلىشىپ،ئايرودرومغا قاراپ ماڭدۇق.بالا باققۇچى قىز يىغلاپ تۇرۇپ: - خانىم ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ - دېدى.خىزمەتچىم فاتىمە قاتتىق ئۆكسۈپ يىغلاپ؛ - ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،دىققەت قىلىڭ،ماڭا خەت يېزىڭ خانىم دەپ جېكىلىدى.بىز ئايرودرومغا يېتىپ كەلدۇق.ئايروپىلان ئۇچۇشقا يەنە بىر سائەت ۋاقىت بولغاچقا بىز ئايرودرومدا دەم ئالدۇق.بۇ ۋاقىتتا ئايرودروم ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە لىق تولغان بولۇپ،مەن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟ - دەپ ھەيران قالدىم.توساتتىنلا قارا ماشىنىدىن ئۈچ - تۆت ئادەم چۈشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن قوغدىغۇچىلار دەرھال ئۇلارنى قوغداپ ماڭدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە پاكار،ئورۇق كەلگەن،ئاق كاستۇم - بۇرۇلكا كىيگەن بىرىنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان بولۇپ،ئۇ قولغا ئېلىنغان ئىدى.مەن ھاڭتاڭ بولۇپ قاراپ قالدىم.ئۇ،بولسا كاۋاشىما يوشىكو خانىم ئىدى.بۇ مېنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشتۈشۇم بولۇپ،كېيىن ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كاۋاشىما يوشىكو خانىم بولسا،ئەسلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ 14 - مەلىكىسى جىنبىخۇ.جىنبىخۇي 1907 - يىلى بېيجىڭدە تۇغۇلغان. 8 ياش ۋاقتىدا ياپونىيەگە كەلگەن.ئۇ،دادىسىنىڭ ياپونىيەلىك دوستى نانىۋا كاۋاشىمانىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈم يېتىلگەن.ياپونىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان.گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى 1932 - يىلى يۈز بەرگەن«شاڭخەي ۋەقەسى»گە چېتىشلىق ياپونىيە جاسۇسى دەپ قولغا ئېلىپ 1948 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنەنىڭ مەزكۇر تارىخى ئەسلىمە ئەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- بىز مەزكۇر ئەسەردىن شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرنى بىلىش بىلەن بىرگە،بىزگە ھازىرغىچە نامەلۇم بولغان يەنى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ياپونىيەگە كەلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بىلىشتە بۇ ئەسەر تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.