سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە: لەنجۇغا يېتىپ بېرىش (6)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.04.06
suzuki-amine-yapon-uyghur-305.png سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە خانىم
RFA/Qutluq


سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە ئۆزىنىڭ ئەسىردە ئائىلىسىنىڭ قۇمۇلغا بېرىش ئۈچۈن شىئەندىن سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە ئەسەرنىڭ «يامغۇردا ھۆل بولۇپ قۇياشقا قاقلىنىش» دېگەن بۆلۈمىدە مۇنداق بايان قىلغان:

«بىز ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە شىئەندىكى ماشىنا بېكىتىگە باردۇق. بۇ بېكەت شىئەن مۇنارىنىڭ يېنىدا ئىدى. بۇ يەردە ئاپتوبۇس، قارا ماشىنىلار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بەلگە سېلىنغان، بەلگىلەردە بارىدىغان يەرنىڭ ئاتلىرى يېزىلغان ئىدى. بىزنى لەنجۇغا ئاپىرىدىغان قارا ماشىنىنىڭ مېڭىش ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە بولۇپ، بىزنىڭ ناشتا قىلىۋالغىدەك ۋاقتىمىز بار - ئىدى.بىز باشقا يولۇچىلارغا ئوخشاشلا يولنىڭ بويىدا ئۆرە تۇرۇپ ناشتا قىلىشقا باشلىدۇق. بېكەتتە كىشىلەر ھور ناننىڭ ئارىسىغا گۆش ئېلىنغان يېمەكلىك سېتىۋېلىپ يېيىشىۋاتاتتى. بىزمۇ شۇنىڭدىن سېتىۋېلىپ يېدۇق. بۇنىڭدىكى قوي گۆشى بېيجىڭدىن ئېلىپ كېلىڭەن - ئىكەن. بىردەمدىن كېيىن يولۇچىلار بىلەن شوپۇر بىرلىكتە ماشىنىنىڭ ئۈستىگە يۈك - تاقىلارنى بېسىشقا باشلىدى.مەن ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇش بىلەنلا تەڭ ئوسماننىڭ نەسىھىتى بويىچە ياپون تىلىدا سۆزلەشنى توختاتتىم. مېنىڭ كىيىنىشلىرىمدىن تارتىپ چاچ پوسۇنۇمغا قەدەر خىتاي خانىم - قىزلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، مېنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى پەقەتلا ياپونىيەلىك دېمەيتتى. بالىلىرىم ماڭا مۇكەممەل بولغان بېيجىڭ شىۋىسىدە سۆزلەيتتى. ماشىنىدىكى يولۇچىلار جەمىي 12دىن 13 گە قەدەر بولۇپ ئۇلار ئاساسەن دېھقان، سودىگەر،ئەسكەر،ئوفىتسېرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىدى. ئوغلۇم مۇزەپپەر قۇچۇغۇمدا ئولتۇرۇپ، خۇشاللىق بىلەن ئويناشقا باشلاپ: - ئانا، مەن ئايرۇپىلاندىن ماشىنىنى ياخشى كۆرىمەن - دېدى. قىزىم ئايشە ئىنىسىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىشىغا چىدىماي: - مۇزەپپەر، بەك جېدەل قىلىپ كەتتىڭ. بىردەم تېنىچ ئولتۇرساڭچۇ؟، دەپ - كايىدى.

سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە ئەسىرىنىڭ «لەنجۇغا يېتىپ بېرىش» دېگەن بۆلىكىدە لەنجۇنىڭ شەھرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىسقىچە تەرەققىياتى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە مەلماتلار بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:«بىز شىئەندىن ئايرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن لەنجۇغا يېتىپ كەلدۇق.بىز ئۇزاق سوزۇلغان بۇ يوللاردا ماشىنا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ شامال ۋە ئاپتاپنىڭ دەستىدىن تېرىلىرىمىز كۆيۈپ قاراداپ كەتكەن ئىدى.بىز ئولتۇرغان ماشىنا لەنجۇ شەھىرىگە يېتىپ كىرگەندە بالىلىرىم خۇشالىقىدىن ماشىنا ئۈستىدە سەكرەپ كېتىشتى. لەنجۇ بولسا خۇئاڭخې دەرياسىنىڭ گىرۋىكىدە بولۇپ ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئوشۇق ئىدى. بۇ يەرنىڭ مىۋىلىرى،ئات،كالا، قوي تېرىلىرى خۇئانغخې دەرياسىدىن كېمىلەر ئارقىلىق باشقا جايلارغا توشۇلۇپ تۇراتتى.لەنجۇ ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئالدىدىكى يول ئاسفالىت يول بولۇپ، يولنىڭ چېتىدە زامانىۋى ئۇسلۇبتا سېلىنغان «شەرقىي شىمال سودا سارىيى»،ئۆگزىسى قىزىل، يېشىل رەڭلىك غەربچە ئىمارەتلەر قاتار تىزىلغان بولۇپ، يولدىن ئېسىل پىكاپلار توختىماي ئۆتۈپ تۇراتتى.بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ لەنجۇ سودا سارىيىغا قاراپ يول ئالدۇق. مەن تاكسىدا كېتىۋېتىپ مېھمانخانىدا راھەتلىنىپ ئۇخلاشنى ئويلىغان بولساممۇ، بېشىمدا يەنىلا ئىككى كۈن يول يۈرۈپ قۇمۇلغا بېرىش غەمى بار ئىدى.بىز مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق.بىردەمدىن كېيىن ئوسمان كاستىيۇم - بۇرۇلكىلىق، ئىگىز بويلۇق، بەستلىك يەتتە - سەككىز كىشىدىن بىر قانچىسىنى باشلاپ ياتاققا كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە باي ئېزىزىمۇ بار بولۇپ،مەن ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ئوڭايسىزلاندىم.شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدىم. ئۇلار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوسمان ماڭا ئۇلارنى لەنجۇنىڭ مىليونېرلىرى ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ سودا بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق سودىگەرلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئوسمان ماڭا ئۇلارنىڭ ئادەتتە ئەل - ئاغىنلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلمەيدىغانلىقىنى ئەمما مەن ياپونىيەلىك مېھمان بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇنى ئالاھىدە ئەھۋال دەپ ماڭا سالام قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.ئوسمان ماڭا چاقچاق قىلىپ: - ئەگەر سەن مېنى خوشال قىلالىساڭ. مەن سىياسەتچى بولماي تىجارەتچى بولىمەن - دېدى.شۇ كۈنى كەچتە قىزىم ئايشەنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالدى. شىنجاڭلىق تىۋىپ ئايشەنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا قىزىل چىققانلىقىنى ئېيتتى.ئوسمان سىرتقا چىقىپ قۇرۇتقان ئۈزۈمدىن بىر ياغلىق ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان كاۋاۋىچىن يەنى خۇئاجودىن تېپىپ كېلىپ بۇ قىزىلغا پايدا قىلىدۇ - دېدى.مەن: - قىزىل تولىمۇ خەتەرلىك كېسەل،بەلكىم سەل دىققەت قىلمىساق قىزىل قىزىمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۈمكىن - دېدىم.ئوسمان ماڭا: قۇرۇتقان ئۈزۈم قىزىلغا شىپا بولىدۇ - دېدى.مەن ئۇنىڭغا: - مەن پەقەتلا قۇرۇتقان ئۈزۈمنىڭ قىزىلغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن - دېدىم.ئوسمان سۆزىنى يەنە قايتىلاپ: - بۇ ئۈزۈم قىزىمغا شىپا بولىدۇ - دېدى.ئايىشە قاتتىق قىزىپ كەتكەنلىكىدىن ئاغزىغا ھېچنىمە سېلىشنى خالىمايتتى.شۇنداقتىمۇ مەن قۇرۇتقان ئۈزۈمنى قايناق سۇدىن ئېلىپ ئاستاغىنا ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ مەجبۇرى يىگۈزدۈم.ئوسمان ماڭا: - ھازىر قۇمۇلغا مېڭىشىمىز تەستەك تۇرىدۇ.شۇڭا بىز ئەمەتنىڭ «تيەنچاڭ مېھمان - سارىيىغا يۆتكىلىپ شۇ يەرگە ئورۇنلىشايلى - دېدى. ئەمەتنىڭ مېھمان - سارىيى بولسا لەنجۇ قەلەسىنىڭ يېنىدا بولۇپ،ئۇ بىزگە ھەممە جەھەتتىن تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان ساراي ئىدى.ئوسمان ماڭا دەرھال مېنىڭ سوۋغا - سالاملارنى تەييارلاپ باي ئەزىز بىلەن ئايالى ليۈن چۈننى يوقلاپ كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن ئوسمانغا: - مەن ليۈن چۈن بىلەن تازا خوشام يوق.ئۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدا سوقۇشۇپ قالغان - تۇرسام. نېمە - دەپ ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە سوۋغا ئېلىپ سالامغا بارىمەن - دېدىم.ئوسمان ماڭا جاۋابەن: ليۈن چۈننىڭ بۇ يەردىكى ئارمىيە بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق.شۇڭا مېنىڭ بەزى ئىشلىرىمغا تەسىر يېتىپ قىلىشى مۈمكىن.سەن چوقۇم بېرىشىڭ كېرەك - دېدى.مەن ئۇنىڭغا قوشۇلدۇم.6 - ئاينىڭ ئەتىگەنلىكىدە لەنجۇ تولىمۇ قاتتىق سوغاق ئىدى.قىزىم ئايىشەنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ بىراز ياخشى بولۇپ،بەدەنلىرىدىكى قىزىل تۈگەشكە باشلىدى.ھەقىقەتەن ئوسمان ئېيتقاندەك قۇرۇتقان ئۈزۈم ئۇنىڭغا پايدا قىلدى. مەن ئوسماننىڭ تەكلىپى بويىچە باي ئەزىزگە ئامېرىكىنىڭ تاماكا قۇتىسىدىن،ئايالىغا تاۋار - دۇردۇندىن

تىكىلگەن كىيىملەرنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئايالغا كېرەكلىك ئۇششاق - چۈشەك نەرسىلەرنى ئېلىپ خادىك ھارۋىغا ئولتۇرۇپ شىمالى دەرۋازىدىن خۇئاڭخې دەرياسىغا يېقىن جەنۇبىي دەرۋازىغا باردىم. جەنۇبىي دەرۋازىدىكى چوڭ كۆۋرۈك قەلئەگە تۇتاشقان ئىدى. مەن لى يۈچۈننىڭ ئۆيىگە كىرسەم ئۇ بىر نېمە تىكىۋاتقان ئىكەن. دەسلەپ مېنى كۆرۈپ ئانچە خوشال بولمىغان بولسىمۇ ئەمما قولۇمدىكى سوۋغا - سالاملارغا قاراپ بىردىنلا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ كۈلىمسىرەشكە باشلىدى.ئۇ ماڭا قاراپ: - سىزنىڭ بېيجىڭدىن بۇ يەرگە كەلمىگىلىكىڭىز بەك تەسكە توختىدى - جۇمۇ؟ - دېدى ۋە دەرھال: - مەن چاي دەملەي - دېدى.ليۈنچۈن چاي دەملىگەچ: - ھازىر كونا دوستلار لەنجۇغا جەم بولدى.بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال - دېدى ۋە يۇقىرى ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلدى. ئۇ،بىر دەمدىن كېيىن چاي،قۇرۇتقان ئۈزۈم ۋە تاۋۇز گازىرى ئېلىپ كەلدى. مەن سوۋغاتلىرىمنى ئېچىپ ئۇنىڭغا بەردىم.ئۇ، ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ چىرايلىق تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ، ماڭا: - مەن سىزنى تەسىر دائىرىسى زور كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر قانچىسىگە تونۇشتۇراي.ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشىڭىز ناھايىتى مۇھىم.بىز بېيجىڭدىكى،ئىچكىي موڭغۇلىيەدىكى ئىشلارنى ئۇلارغا دېمەيلى. بۇ خوتۇنلارنىڭ سەۋىيىسى تولىمۇ تۆۋەن،ئۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ.پەقەتلا چاي ئويناپ بىر - بىرسىنى يوقلاش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ.مانا بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى - دېدى. لى يۈچۈننىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك، كاتتا سېلىنغان ۋە قالتىس بىزەلگەن ئۆيلەر ئىدى. مەن بۇ ئۆيلەرگە قاراپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم. مەن لى يۈچۈن بىلەن خوشلىشىپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم.ياتاقتا ئوسمان مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى تارو تارىختا لەنجۇدا ئۆتكەن ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

- شىنجائاڭ تارىخىغا ئائىت بەزى ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىلگىرى لەنجۇدا تېرە ۋە ئاياق زاۋۇتلىرىنى قۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.