«ئازاد شەرقىي تۈركىستان» دىن «ئىلى گېزىتى» غىچە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-08-31
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ﺳﯜﺭﻩﺕ،  1944 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 1944 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ.
File photo

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلاپ، بەش كۈندىن كېيىن، يەنى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى نازارەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەنە شۇ قاتاردا تەشۋىقات-تەرغىبات، مەتبۇئات ۋە نەشرىيات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت گېزىت ئىدارىسى قۇرۇش قارار قىلىنىپ، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» نامى ئاستىدا گېزىت چىقىرىلغان. بۇ گېزىتكە تاتار زىيالىيسى ھەبىب يۇنۇچى مەسئۇل بولغان شۇنىڭدەك يەنە دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئەخمەتجان قاسىمىمۇ مەزكۇر گېزىتتە ئىشلىگەن.

بۇ گېزىت دەسلەپتە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە رۇسچە چىقىرىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى ھېسابلىنىدىغان «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق بىتىمى بويىچە 1946-يىلى، 7-ئاينىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئۆز نامىنى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» غا ئۆزگەرتكەن. 1947-يىلى، 8-ئايدىن ئېتىبارەن تاكى 1949-يىلىغىچە «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىگەن تاتار زىيالىيسى، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 90 ياشلىق ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە، شىبەچە، خىتايچە بەش خىل تىلدا چىققان بولۇپ، مەزكۇر گېزىت ئىدارىسى ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجىدىلا ئەمەس، ھەتتا بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارى بويىچىمۇ كۆپ خىل تىللىق چوڭ گېزىتخانا ھېسابلىناتتى.

مۇنىر يېرزىننىڭ ئەسلىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئىدارىسىگە 1947-يىلى 8-ئايدىن كېيىن ئۇيغۇر سايرانى باشچىلىق قىلغان ۋە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى نۇر بوساقوف باشقۇرغان شۇنىڭدەك گېزىتتە نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى، نۇرمۇھەممەت نورۇزوف، زۇنۇن قادىرى، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىق بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، زىيالىيلىرى خىزمەت قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە ئاۋازى ۋە ئورگان گېزىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە بۇ گېزىتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىكىنى ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزى زىممىسىگە ئالغان ئىدى. بۇ گېزىت دەسلەپتە «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ چىقىرىلغاندا ۋە كېيىن «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» غا ئۆزگەرتىلگەندىمۇ ئاساسىي ئىدىيە-«خەلقنىڭ ئەركىنلىكى» نى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشۋىق قىلىشتا ئىزچىللىق بولغان. پەقەت تەشۋىقات مەزمۇنىدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولغان، يەنى كېيىن خەلقچىللىق ۋە يەتتە ۋىلايەت خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئېچىپ بېرىش قاتارلىقلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەتەن، 11 ماددىلىق بىتىمدىن كېيىن، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا بىرتاز يۇمشاش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئەمما، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ماقالىلىرىدە ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك سۆزلىرى داۋاملىق ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىتىمدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سىياسەت ماھىيەت جەھەتتە پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما مەزمۇن جەھەتتىن شۇ پېتى ساقلىنىپ قېلىنغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىزچىل ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.

مەزكۇر گېزىت «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان بىر يېرىم يىل ۋە «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا گېزىت سەھىپىلىرىدە ئېلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق سىياسىي رەھبەرلەر، زىيالىيلار، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى قاتارلىقلارنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرى، ئۇيغۇر تارىخىغا ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي مەسىلىلەرگە ئائىت ماقالىلەر شۇنىڭدەك باشقا ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇرغان ئىدى.

مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى بولغان «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئۆز نامىنى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» غا، ئەڭ ئاخىرىدا، يەنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارى، جۈملىدىن ئىلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بولسا «ئىلى گېزىتى» غا ئۆزگەرتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلى ۋىلايەتلىك يەرلىك كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئايلانغان. مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ غەلىبە مەھسۇلى بولغان «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپ خىل تىللىق، كۆپ مىللەتلىك، كەسپى سەۋىيىسى يۇقىرى، مەتبەئە تېخنىكا -ئۈسكۈنىلىرى تولۇق مۇكەممەل بىر گېزىتخانا ھېسابلىناتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت