تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا نەزەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.10.05
Afghanistandin-Qeyseri-shehirige-kochurulgen-Uyghurlar.jpg 1965-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار. 1965-يىل، تۈركىيە قەيسەرى.
RFA/Qutlan

تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، يەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدە باشلانغان.

1921-يىلىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەن يېڭى تۈس ئالغان مەزكۇر تەتقىقات، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى، خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلەنگەن.

ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا تېخى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يىقىلمىغان ئىدى. تۈركلەر فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەدىكى تەتقىقاتلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مەسىلەن تۈرك تارىخچىلار گېرمانىيەلىك لېكوك، ئەنگلىيەلىك ستەيىن، فىرانسىيەلىك پېلىئوت قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغانلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1927-يىلى ئەنگلىيەلىك جامېس چۇرچۋارد يازغان «يوق بولۇپ كەتكەن مۇ قىتئەسى» ناملىق ئەسەرنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى، ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇرۇن تۈركىيەدىكى تارىخ كىتابلىرىدا ئۇيغۇر تارىخىغا بۆلۈم سۈپىتىدە ئورۇن بېرىلگەن بولسا، 1970-يىللاردا خىتاي تىلىنى بىلىدىغان تۈرك تارىخچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس كىتابلار نەشر قىلىنىشقا باشلانغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ يىللاردا پروفېسسور دوكتور ئوزقان ئىزگىنىڭ «خىتاي ئەلچىسى ۋاڭ يەندىنىڭ ساياھەتنامىسى»، پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇنىڭ «ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە كۈلتۈرى» ۋە پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابلىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى تارىخچىلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ئومۇمىي تۈرك تارىخىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى، تۈرك تارىخىنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىدىغانلىقىنى باشقا بەزى دۆلەتلەردە بولسا ئۇيغۇر تارىخىنى ئومۇمىي تۈرك تارىخىدىن ئايرىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، كۆپ مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ قەدىمكى خىتاي تىلىنى بىلىدىغان تارىخچىلار ئاز بولغانلىقتىن خىتايچە تارىخى مەنبەلەردىن يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلانمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان كۆز قاراشتا بەزى خاتالىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر تارىخى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى» ناملىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تارىخى دەرسىنى بېرىۋاتقان پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تۈرك تارىخىنىڭ ئايرىغىلى بولمايدىغان بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تارىخىي ھەقىقەتلەرگە تارىخىي مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇنلاردىن كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. ئەسلىدە خىتايچە يىلنامىلاردا ۋە خىتايچە ھۆججەتلەردىمۇ بۇ يېزىلغان. بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنى تۈركلەردىن ئايرىم بىر مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشى، پەقەتلا سىياسىي غەرەزدىن ئىبارەتتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ».

سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى 1980-يىللاردىن كېيىن خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ئەمما بۇلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ھەم ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە تىراگېدىيەلەر بىزنى قاتتىق رەنجىتمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تۈرك دۇنياسىغا تونۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئىنستىتۇتلار قۇرۇش كېرەك».

تۈركىيەدە يېقىنقى 30-40 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا 15 ئەتراپىدا مەخسۇس كىتاب، كۆپ ساندا ماقالە ئېلان قىلىنغان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ياش تارىخچى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ «خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەر»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ناملىرى» ۋە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.