1946-يىلى 10-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.08.17
exmetjan-qasimi-ailisi-bilen.jpg ئەخمەتجان قاسىمى سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئائىلىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى. بۇ سۈرەت ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى سۈرىتى. 1049-يىلى 22-ئاۋغۇست.
Social Media

1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە غۇلجىدا ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ۋە باشقا تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ رۇسچە نۇسخىسىنىڭ 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق بىتىمىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەققىدىكى بىر پارچە ئۇزۇن تەپسىلات ئېلان قىلىنغان.

«ئۈرۈمچىدىكى تەنتەنە» دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەپسىلاتتا 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى چانىشېف باغچىسىدا ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئىككى مىڭ كىشىلىك مۇراسىم ۋە زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، شۇنىڭدەك مەزكۇر يىغىلىشتا بىر قىسىم ئەربابلارنىڭ ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى، 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىنچلىق بىتىمنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن زور ساندىكى خەلق قاتناشقان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، جاڭ جىجۇڭ ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سۆز قىلغان ئىدى.

1946-يىلى 10-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى جامائەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. مۇراسىمىغا يەنە گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۈرۈمچىدىكى رەھبىرىي شەخسلەر، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتناشقان.

مەزكۇر تەپسىلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر جامائەت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇلئەخەت مەخسۇم مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى بىردەك ھالدا كۈرەش مەيدانلىرى ۋە تۈرمىلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۈچ قېتىم «تەكبىر» ئېيتقان، ئارقىدىن تەقدىرلەش مۇراسىمى باشلىنىپ، ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي دۆلەت رەھبىرى جاڭ جيېشى، ئىلى تەرەپ بىلەن تىنچلىق بىتىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان گېنېرال جاڭ جىجۇڭ ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن.

ئارقىدىن، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە قاتارلىق ئۈچ كىشى «شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ھايات مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور ئەمگەك ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ قىلغانلىقى» ئۈچۈن ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن.

مەزكۇر رۇسچە گېزىتتىكى تەپسىلاتتا يەنە، ئۆزگىچە بىر مەلۇمات خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مەزكۇر مۇراسىمدا يەنە غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىگىمۇ مۇكاپات بېرىلگەن. تەپسىلاتتا : «شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ئەزگۈچىلەرگە قارشى قوراللىق كۈرىشىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئەلىخان تۆرە جانابلىرى تۆھپىسى ئۈچۈن ئالىي مۇكاپات-ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەندى» دېيىلگەن.

مەزكۇر تەپسىلاتتا ئەلىخان تۆرە بىلەن بىر قاتاردا يەنە «ھەربىي رەھبەر گېنېرال ئىسھاق بەگنىڭ تۆھپىسى، خەلق ئىشلىرىنىڭ قورقۇمسىز جەڭچىسى ئوسمان باتۇر، خەلق ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەربابى، خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ تۆھپىلىرى ئۈچۈنمۇ ئالتۇن مېدال بېرىلدى» دېيىلگەن.

ۋەھالەنكى، خىتاي دۆلەت رەھبىرى جاڭ جيېشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە، گېنېرال ئىسھاقبېك، ئوسمان باتۇر، غېنى باتۇر قاتارلىق كىشىلەر ئالتۇن مېدال بېرىش مۇراسىمىدا يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي خادىملىرى تەرىپىدىن غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مۇراسىمدا ئەلىخان تۆرىنىڭ تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى باھالىنىپ، ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلىنىشىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تېخى ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەخپىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولۇپ، ئۇنى داۋاملىق غۇلجىدا تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئىشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.

تارىخى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئالتۇن مېداللار ۋە مۇراسىم ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى باش بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت جامائىتىنىڭ ماددىي جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان ۋە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.

رۇسچە گېزىتتىكى ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، مۇراسىمدا يەنە، مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، بۇرھان شەھىدى ۋە ئابدۇلئەزىز مەخسۇم قاتارلىقلارغىمۇ ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىنغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق ئۈچ ئەپەندى بىلەن ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى ئارىسىدا تېخى ئىختىلاپلار رەسمىي باشلانمىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرى يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر ئۈچ ئەپەندى ۋە ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئوخشاشلا ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ھۆرلۈكى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار دەپ قارالغان بولغاچقا ئۇلارغىمۇ ئالتۇن مېدال بېرىلگەن.

غۇلجىدا نەشر قىلىنغان «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ رۇسچە نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تەپسىلات ئاپتورىنىڭ يېزىشىچە، مۇراسىمدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋەكىلى يۈ يوۋرېن سۆز قىلىپ، بۇ مۇراسىمدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق تۈردە ھەر تەرەپلىمە ياردەم كۆرسىتىشىگە بولغان ئىشەنچىنى ئىزھار قىلغان.

تارىخى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1946-يىلى، 1-ئىيۇل كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار ئۆز سۆزلىرىدە باشتىن‏-ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ۋاسىتىچى بولۇپ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە رەھمەت بىلدۈرگەن ئىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىلى يۈ يوۋرېنمۇ تىنچلىق بىتىم ۋە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رولى بىلەن باغلاپ قارىغان. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ۋە رولى بولمىسا، ئىنقىلابچىلار گومىنداڭ بىلەن بىتىم تۈزمەيتتى ۋە مۇنداق بىرلەشمە ھۆكۈمەتمۇ قۇرۇلمايتتى.

«ئۈرۈمچىدىكى تەنتەنە» ناملىق مەزكۇر تەپسىلات مۇراسىم ئاخىرىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىگە ئۇزۇنراق ئورۇن بەرگەن ھەم ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خەلقنىڭ چاكىرى، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزدە خەلقنىڭ مەنپەئەتى تەرىپىدىن رەھبەرلىك قىلىنمىساق، ئۇ چاغدا خەلق بىزنى يىغىنلاردا ۋە مەتبۇئاتلاردا كەسكىن تەنقىد قىلىشى كېرەك.»

ئەخمەتجان قاسىمى سۆزىنى «خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە باراۋەرلىكى ياشىسۇن! خەلقىمىزنىڭ شەرەپلىك كېلەچىكى ياشىسۇن !» دېگەن شوئارلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى جامائەتنىڭ مۇنداق ئالتۇن مېداللارنىڭ بىر قىسمىنى شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي دۆلەت رەھبىرى جاڭ جيېشى ۋە تىنچلىق بىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۈچ چىقارغان جاڭ جىجۇڭلارغا بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خەلقنىڭ 11 ماددىلىق بىتىمدىكى ماددىلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا، يەنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا بولغان ئۈمىدى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 

مۇراسىم ئاخىرىدا، ئىككى مىڭ كىشىگە زىياپەت بېرىلگەن ۋە خەلق بىرلىكتە باغچە سەيلىسى قىلغان ھەم سۈرەتلەرگە چۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.