ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېتنو-مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدىن (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.08.24
uyghurshunasliq-yighin-parizh-ablehet-kamalof.jpg تارىخچى ئابلەھەت كامالوف(ئوڭدىن بىرىنچى) خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2015-يىلى نويابىر، پارىژ.
RFA/Oyghan

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ماكان ئەتكەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ياۋروپا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن يىللار داۋامىدا تەتقىق قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنى دائىم ئالاھىدە رايون سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ خىتايلاردىن ئىرقىي ھەم مەدەنىي جەھەتتىن كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1759- 1760-يىللىرى مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى كۆپلىگەن تىللاردا ھەر خىل يازما مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى، سىياسەتچىلىرى بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى تېررىتورىيىسىدە ئۆز مەملىكەتلىرىنى قۇرۇپ، پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر دىيارى چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانغا قەدەر بۇ يەردە قانداق خەلقلەر ياشىغان؟ ئۇلار كىملەر بىلەن ئېتنو-مەدەنىي يېقىنچىلىقتا بولغان؟

ئالماتادىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تونۇلغان تارىخچى، دوكتور ئابلەھەت كامالوفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇر دىيارى تېررىتورىيىسىدە شەكىللەنگەنلىكتىن شۇ رايوننىڭ ئەسلى خەلقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى پەقەت مەركىزىي ئاسىيادا كۆچمەن ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان قەدىمىي ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىگىمۇ باغلىقتۇر. ئا. كامالوف پۈتكۈل دۇنيا شەرقشۇناس ئالىملىرىنى دائىم قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنىڭ قىزىقتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى باسقۇچلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى يازما مەنبەلەرنى تەتقىق قىلىشقا ياۋروپالىق ئالىملار سالماقلىق تۆھپە قوشقان. فىرانسۇزلار دې گىن، ۋىسدېلۇ، ژيۇليېن، بولۇپمۇ پول پوليو ۋە ئېدۇئارد شاۋانن شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلارنى نەشر قىلىشتا ۋە ئۇلارغا ئىزاھ بېرىشتا كۆپ ئىشلارنى ئاتقۇرغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا رۇس ئالىملىرىمۇ ئالاھىدە رول ئوينىدى.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياۋروپالىق ئالىملار شەرقىي تۈركىستانغا بىر نەچچە ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇلار دەل مۇشۇ يەردە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ كۆپلىگەن يادىكارلىقلىرى دۇنيانىڭ مەشھۇر مۇزېي ھەم كۇتۇبخانىلىرىدا، يەنى پارىژدا، لوندوندا، سانكت-پېتېربۇرگتا، بېرلىندا ساقلانماقتا. ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى تارىخىغا بولغان قىزىقىشى شۇنىڭدىن پەيدا بولدىكى، بۇ تېررىتورىيەنى خىتايلار ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيادىن كېلىپ چىققان خەلقلەر ماكان ئەتكەن. بۇ جەھەتتە توخارلاردىن، ساكلاردىن، ئۇسۇنلاردىن تەشكىللەنگەن ھىند-ياۋروپا تەركىبى قىسىم كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان بارلىق ماتېرىياللار بۇ تېررىتورىيەنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنىڭ غەربىي تۈركىستان، يەنى ھازىرقى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن رايونلار بىلەن بىر پۈتۈن تارىخقا ئىگە بولغانلىقىنى دەلىللىگەن».

ئاتاقلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىنىڭ بىر پۈتۈن تېررىتورىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى - ئوتتۇرا ئاسىيا.... مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىگە شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ھىمالايا تاغلىرىغىچە بولغان جايلار كىرىدۇ. مانا شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىگە كىرىدىغان چەكسىز زېمىننىڭ مەركىزىي قىسمى شىنجاڭ، يەتتىسۇ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

ت. ئالماس ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دەۋرلەردىن تارتىپ تارىم ۋادىسىدا، جۇڭغارىيە دالاسىدا، ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىدا، ئىرتىش دەرياسى ۋە بالقاش كۆلى ئارىلىقىدىكى جايلاردا، جەنۇبىي سىبىرىيەدە، ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېلېنگا، ئورخۇن، تۇغلا، قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىدا، شۇنداقلا گەنسۇدا، ھازىرقى خىتاينىڭ سەنشى، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى تېررىتورىيىسىدە ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇنى رۇس ئالىملىرىمۇ ئىقرار قىلغان ئىدى. ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1980-ۋە 1990-يىللىرى موسكۋا ۋە لېنىنگرادتا، يەنى ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە مەخسۇس ئىلمىي لايىھە تۈزۈلگەن. مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ ھەر خىل نۇقتىلىرىنى تەتقىق قىلغان بىر گۇرۇپپا شەرقشۇناس ئالىملار مۇنداق نەتىجىگە كەلگەن: ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرلىرىدە بىر پۈتۈن ئېتنو-مەدەنىيەت بوشلۇقىنى تەشكىل قىلغان. بۇ ئىدىيە مەشھۇر تارىخچى ئالىم، ئاكادېمىك بورىس لىتۋىنسكىينىڭ مۇھەررىرلىكى ئاستىدا موسكۋادا نەشر قىلىنغان مۇھىم تەتقىقاتلارغا ئاساس بولدى. بۇ تەتقىقاتلار تەركىبىگە «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ئىككى ماقالىلەر توپلىمى ۋە «شەرقىي تۈركىستان قەدىمىي ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە» كىتابىنىڭ تۆت تومى كىردى.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخچى دوكتور زۇلفىيە كەرىموۋا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان ھۆكۈرانلىقىنىڭ باشلىنىشىغا ئائىت تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، بۇ زېمىننى ئەزەلدىن ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن ياۋروپالىق ۋە بولۇپمۇ رۇس ۋە سوۋېت تارىخچىلىرى خىتاينىڭ 1759-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى دەلىللەپ بولغان. بۇ پاكىتلارنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان بۇ يەردە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، يەنى بۇ يەردىكى ھەر خىل خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى رەھىمسىز بېسىپ تۇردى ھەم ئۇلارنىڭ شۇ كۈرەش ئارقىسىدا بەرپا قىلغان مۇستەقىل مەملىكەتلىرىنى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بىرلىكتە يوقاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، خىتاي ئالىملىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمدىن خىتاينىڭ بىر بۆلىكى ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا. خىتاي ئالىملىرىنىڭ بۇ پىكىرلىرىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن، سوۋېت تارىخچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرى دەلىللەيدۇ. شۇلارنىڭ بىرى بورىس لىتۋىنسكىينىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان قەدىمىي ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە› ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدۇر».

1988-يىلى موسكۋادا «نائۇكا» نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن «شەرقىي تۈركىستان قەدىمىي ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە. تارىخ ئوچېركلىرى» كىتابىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي تارىخى ھەققىدە يېزىلغان خىتاي تەتقىقاتلىرى تەنقىد قىلىنغان. كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دە 60- ۋە 70-يىللىرى نەشر قىلىنغان بىر قاتار ئەمگەكلەردە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە مەدەنىيىتى پاكىتلارغا قارشى ھالدا خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ‹ئاجرالماس قىسىم› ئى دەپ قارالغان. خۇسۇسەن، گويا قەدىمدە ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شەرقىي تۈركىستان دائىم خىتاي ئىمپېرىيەلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن دېگەن پىكىرلەر تامامەن خاتا. بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ دەسلەپكى ئېتنىكىلىق ئاساسىنىڭ ھىند-ياۋروپالىق بولغانلىقى ئەسكە ئېلىنمىغان. سىياسىي جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان يېڭى زامانغا قەدەر ۋاقىتنىڭ پەقەت ئايرىم، ئادەتتە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئارىلىقلىرىدا خىتاي بىلەن باغلانغان ئىدى».
كىتابتا شۇنداقلا، بىزنىڭ ئېرامىزغىچە بولغان 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەسلەپ قېتىم خەن ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي-سىياسىي باسقۇنچىلىقى تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتقا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەبىلىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئېتنو-مەدەنىي قىياپىتىنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقى ھەم جاي-جايلاردا دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.