1957-1958-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىشنىڭ تارىخى سىرلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-01-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەسىملىرىدىن بىرى. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس
ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەسىملىرىدىن بىرى. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس
RFA

«ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى» تەرەپدارى ئابدۇرېھىم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى(1)

ئامېرىكادىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان « يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئەينى ۋاقىتتا «ئەشەددى يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلەنگەن 20-ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مىللەتپەررۋەرلىرىدىن بىرى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان.

مەزكۇر ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، سوۋېت تەرەپ ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى دوباشىن تۇنجى قېتىم 1958-يىلى 20-يانۋار كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، يىراق شەرق بۆلۈمى باشلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى قاتارلىق شەخسلەرگە يوللىغان ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىشكە ئائىت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى» توغرىسىدىكى دوكلاتىدا زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان» نامى ئاستىدىكى «جۇمھۇرىيەت قۇرۇش» خاھىشى بار «مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدكى كىشىلەر» دەپ تەنقىد قىلىنغانلىقىنى، ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا قاتتىق ئەيىبلەنگەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ 17-يانۋار كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ شۇ كۈنى ۋاڭ ئېنماۋ ۋە سەيپىدىن ئەزىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنە توختالغان.

ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى خىتاي تەرەپتىن سوۋېت تەرەپكە «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، باش كونسۇل دوباشىن بۇ مەسىلىنى ئىككى قېتىم موسكۋاغا يوللىغان. ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىراق شەرق بۆلۈمى باشلىقى م.زىمىيانىننىڭ 1958-يىلى 3-مارت كۈنى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىلارنىڭ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تەييارلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى قارمىقىدىكى سوتسىيالىستىك ئەللەردىكى كومپارتىيە ۋە ئەمگەكچىلەر پارتىيەلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش بۆلۈمى باشلىقى، يەنى 1970-80-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب رەئىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى باش سېكرىتارى يۇرىي ئاندروپوۋقا يوللىغان «شىنجاڭدا يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە» دەپ ئاتالغان دوكلاتىدىنمۇ ئورۇن ئالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتى بىلوكىنمۇ خىتاي تەرەپ ئەمەلدارى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرسىدە بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە ۋە تەپسىلىي تىلغا ئالغان.

سوۋېت تەرەپنىڭ ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تەپسىلاتى

1958-يىلى 1-ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت باش كونسۇلى دوباشىن ئۆزىنىڭ 1958-يىلى 17-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ ئېنماۋ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىنى سوۋېت كونسۇلخانىسىغا كەچلىك تاماققا چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى موسكۋاغا يوللىغان. بۇنىڭدا «ئابدۇرېھىم ئەيسا ئۆزىنى بوغۇزلىۋالغان» دەپ ئېيتىپ، ۋاڭ ئېنماۋ بايان قىلغان ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىپ: «15-يانۋار كۈنى گۇرۇپپىلار يىغىنى ئېچىلدى. ئەتىسىدىكى يىغىندا يەرلىك مىللەتچىلىك ساھەسىدىكى خاتالىقلار مۇزاكىرە قىلىنماقچى بولغان، ئابدۇرېھىم ئەيسا رەھبەرلىكتىن ئەتىدىكى يىغىنغا سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىشنى سوراپ ئۆيىگە قايتقان ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۇ ۋاڭ ئېنماۋ، سەيپىدىن، ئىمىنوف ۋە ئۆزىنىڭ ئايالىغا بىر قانچە پارچە خەت يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ خەتتە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان،» دەپ مەلۇمات بەرگەن.

ئابدۇرېھىم ئەيسا مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى دىپلوماتى گ.پ. بىلوكىننىڭ 1958-يىلى، 22-يانۋار كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق تاشقى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ خۇەنجاڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرسىدىنمۇ بىر قەدەر تەپسىلىي ئورۇن ئالغان. مەزكۇر خىتاي ئەمەلدار ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ «مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى»، ئۇنىڭ «17-يانۋار كۈنى باشقىلار ئاشخانىغا ئەتىگەنلىك تاماققا چىقىپ كەتكەندە ئۆزىنى بوغۇزلىۋالغانلىقى» نى ئېيتقان. رۇس دىپلوماتى گ.پ. بىلوكىننىڭ ۋاڭ خۇەنجاڭنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بويىچە خاتىرىلىشىچە، ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ جەسىتى ئەتىسى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرىتارىمۇ غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، دەرھال يەرلىك ئاھالىلارنىڭ نارازىلىقلىرى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرى ۋە ئوبلاستلىق ئورگانلارنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن. ئەتىسى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يەنە ئابرويلۇق دىنى زاتلار ۋە تىجارەتچىلەرنى يىغىپ، بۇ ئىش ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. شۇ كۈنى يەنە غۇلجا شەھىرىدىكى  ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يىغىنى ئېچىلغان ۋە ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ جەسىتى پەقەت ئۇنىڭ 30 ئەتراپىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دەپنە قىلىنغان بولۇپ، كادىر -خىزمەتچىلەر قاتناشتۇرۇلمىغان.

بىراق، ئەينى ۋاقىتتا ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ« ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ مەلۇمات بېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارغا قاتناشقان 1954-1958-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە كادىر بولۇپ ئىشلىگەن ، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلار ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆزىنى  ئۆلتۈرىۋېلىشىغا ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئېغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆزى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋەقە بولۇپ، ئۇ:« بىزگە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى خۇ دۇجاڭ، مۇئاۋىنى بىر قازاق يىگىت ۋە باشقا باشلىقلار ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى، توققۇز يېرىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋالغانلىق ئەھۋالىنى يەتكۈزدى، ئۇلار ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ مىللەتچى، مەككىدە ئەيسا ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئورتاقلاشقانلىقى ۋە باشقا قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، > جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى< دېيىشتى. مەن شەخسەن ۋە  باشقىلار بۇنداق ئۆزىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋېلىشى دېلوسىغا ئىشەنمىدۇق، بىر ئادەم قانداقسىگە ئۆزىنىڭ توققۇز يېرىگە پىچاق تىقىپ ئۆلىۋالىدۇ؟ ئادەمنىڭ جېنى ئاغرىمامدۇ بۇ جەرياندا؟ ھېچكىم بۇنىڭغا ئىشەنمىدى؟ بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئىنىسى ئىلدىرىم ئەيسامۇ كاماندىروپكىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا ئىشەنمىدىم. بىراق ئامال قانچە، ئاغزىمىزدا ئۇلارنى قوللىدۇق، كۆڭلىمىزدە ئىشەنمىدۇق. ئىشەنمىگەنلىكنى دېگىلى بولمايدۇ،» دېدى.

1957-1958-يىللىرىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە جازالانغان، تەنقىدلەنگەن زىيالىيلار ۋە كادىرلاردىن زىيا سەمەدى قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر 1961-1962-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ ماكانلاشقان بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسى ئۇلار ئارىسىدا ۋە ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا گۇمانلىق تېما بولغان ۋە بولماقتا. قازاقىستاندىكى تارىخچى،«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان مىللىي سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە،  ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ۋە ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇلار ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈزبېرىشىدىىن  ئەندىشە قىلغان

سوۋېت دىپلوماتى بىلوكىننىڭ خاتىرسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدىكى خىتاي كومپارتىيە كومىتېتى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسى بىلەن غۇلجىدا بىرەر ئىستىخىيىلىك نامايىش ۋە يەرلىك مىللىي كادىرلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرى يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەممە ئىش تىنچ ئۆتۈپ كەتكەن. سابىق جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرى نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەقىقەتەن بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسى غۇلجىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق كادىرلار ۋە خەلق قاتتىق سىياسىي بېسىملار ۋە جازالاشلار تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئاشكارا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان. كىم بۇ ھەقتە ئۆز نارازىلىق پىكىرىنى دېسە دەرھال تۇتۇپ جازالىنىشى مۇمكىن ئىدى. نۇرمۇھەممەد سادىقوف: «مەن ئابدۇرېھىم ئەيسا مەسىلىسىدە ئۆزۈمنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرمىنى باشقىلارغا ئېيتقان ئىدىم. ھېلىمۇ ياخشى مەن 1958-يىلى بۇ ياققا ( سوۋېت ئىتتىپاقىغا) چىقىپ كېتىپتىمەن، بولمىسا مەنمۇ جازالىنىدىكەنمەن، كېيىن ئۇقساق مېنىڭ ئۈستىمدىن دېلو تۇرغۇزۇش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ، لېكىن مەن بولمىغاندىكىن ئامالسىز قاپتۇ،» دېدى.

نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئابدۇرېھىم ئەيسا بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ  ناھايىتى مىللەتپەرۋەر كىشى ئىدى، ئىلى خەلقى ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە، خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەتلەنگەن، قورقماس رەھبەر ئىدى. ئابدۇرېھىم ئەيسا  1909-يىلى تۇغۇلغان، 1931-يىلىغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى ئالغاندىن كېيىن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقان. ئۇ كۆپ يىللار مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن مائارىپچى ئىدى. ئۇ خىتاي گومىنداڭ تۈرمىسىدە ياتقان ۋە 1944-1949- يىللىرىدىكى مىللى ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. ئابدۇرېھىم ئەيسا 1950-يىللاردا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت