ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.08.12
qeshqer-saqchi-herbiy-kocha-charlash.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 23-ئىيۇل، قەشقەر.
ImagineChina

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2015 - يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى تەنقىدلەنگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە تەنقىدلەنگەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت پاكىتلىق مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلادىدا دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ 2015 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي باستۇرۇشى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

40 نەچچە بەتلىك دوكلاتنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەردىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى تەنقىدلەنگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇشنىڭ پاكىتلىرى سۈپىتىدە، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەج پائالىيەتلىرىنى سان چەكلىمىسى ۋە ياش چەكلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ چەكلەۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ساياھەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆمرە ھەج پۇرسىتى ئىزدىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ دۆلەتلەرگە قىلغان بېسىمى سەۋەبلىك خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفونلاردا دىنىي رادىكاللىقنى تەشەببۇس قىلغان، دىنىي تەبلىغ تارقاتقان، توپلىشىپ چەتئەللەردە نەشر قىلىنغان دىنىي ئەقىدىلەر ئىپادىلەنگەن فىلىم ۋە قۇرئان، ھەدىسە قاتارلىق كىتاب، ماتېرىياللارنى كۆرگەن دېگەن باھانىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم - تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشى قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قويۇلۇۋاتقان قاتتىق بەلگىلىمە - چەكلىمىلەر تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلار ئىشقا سېلىنىپ سىستېمىلىق شەكىلدە داۋام قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدىكى «ئاساسىي قانۇنىدا ھەربىر پۇقرانىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار» دېگەن بەلگىلىمىلەر تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي تەشۋىقاتىدا نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قانداق پائالىيەتلەرنىڭ «نورمال» بولىدىغانلىقى ئېنىق شەرھىلەنمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇسۇلمانچە ھىجاپلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قاتارلىقلارنىڭمۇ «دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ چەكلىنىپ، بۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن ئوبىكتىغا ئايلانغانلىقى، خورلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى تەنقىدلەنگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە «كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قويغان چەكلىمىسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان توقۇنۇش، نامايىش ۋە ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدلەنگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي، سىياسىي، مىللىي باستۇرۇش بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفىسسورى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شيا مىڭ ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلىق مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان دىنىي، سىياسىي ۋە مىللىي باستۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ شى جىڭپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىلدە خىتايدا دېموكراتىيە چەمبىرىكى بارغانچە تارايدى. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكرىنى ئىپادىلىگۈچىلەر ۋە دىنىي ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغانلار باستۇرۇلماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىن باستۇرۇشقا ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر بولدى. مەزكۇر دوكلاتتا مانا مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلگەن خەۋەر - ئانالىزلاردا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدەك تەسىرى كۈچلۈك بولغان غەرب دېموكراتىك دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى ھەر جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز دوكلاتلىرى ۋە خەلقارالىق يىغىنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇشىغا ئائىت مەسىلىلەرنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ، بۇ خىل تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلماي كەلگەن ئەھۋاللارنى نەقىل ئېلىپ، ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ تەنقىدلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت پاكىتلىق مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىدە بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.