خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» تۈزمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-01-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مەسجىتتىكى ئۇيغۇرلار 15-ئۆتەبىر 2006 قەشقەر
مەسجىتتىكى ئۇيغۇرلار 15-ئۆتەبىر 2006 قەشقەر
AFP

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تۈزمەكچى بولغانلىقى دىققەتنى تارتماقتا.

BBC قانىلىنىڭ 14-يانۋار خىتاي مەنبەلىرىدىن ئىگىلەپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رەھىم ياسىن ئاشكارىلىغان. ئۇ 14-يانۋار كۈنى «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» ئىنگلىزچە سەھىپىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مىزانلىرىنى تۈزۈپ، دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش، بۇ يىللىق قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇ، نۆۋەتتىكى تېررور ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قانۇنىي دەستەك بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.

«شىنجاڭدا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش مىزانى تۈزۈلمەكچى» ناملىق بۇ خەۋەردە، ئۆتكەن يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قېتىم رادىكال قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى «دىنىي ئەسەبىيلىك كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇبادا بۇ مىزان يولغا قويۇلسا، خىتايدىكى تۇنجى «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش مىزانى» بولۇپ قالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى 27-دېكابىر خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت مەزكۇر قانۇنغا تۈرلۈك باھالارنى بەرگەن، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ قانۇن پەيدا قىلغۇسى ئاقىۋەتكە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ھەم مەزكۇر قانۇننىڭ مۈجمەللىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي كۈچلىرىمۇ ئىلگىرى-كېيىن ئۆز ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى. ئارقىدىنلا خىتاينىڭ يەنە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تۈزمەكچى بولغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل قارىم، خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تۈزۈشتىكى مەقسىتىنى «ئۇيغۇرلارنى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ئايرىپ تاشلاپ، تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر ۋاسىتە» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ برېمىن پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مۇستافا ئۆزتۈرك ئەپەندى ئۆتكەن ئاي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە پارلامېنتتا بەرگەن دوكلاتىدا، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئىسلامنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدە داۋام قىلدۇرۇۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «خىتايدىكى بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەرنى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە مەجبۇرلىماقتا. ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتالغان بۇ تۇپراقنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلار قەدىمىي تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان بىر خەلق. ئەسلىدە يەرلىك ئاھالىنىڭ 90% تىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى نەتىجىسىدە 40% كە چۈشۈپ قالدى. سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەپلەردە ئىزچىل مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ھالى تېخىمۇ يامانلاشتى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسىي زۇلۇمنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدىن ۋەھىمىگە يولۇقماقتا.»

مۇستافا ئۆزتۈرك ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي تەقىبنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە شۇلارنى مىسالغا ئالىدۇ: «ئۇيغۇر ئىلىدا قارشىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقلار داۋاملاشماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن كۈچەيمەكتە. دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تەقىبگە ئۇچرىشى، بۇ ئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ تىپىك بىر مىسالى. دىنىي تەلىم-تەربىيىگە ئىجازەت يوق، دىن ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەر بىردەك قولغا ئېلىنىدۇ. 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلىنىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت يوق. دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى بۇ يەردە يەنىمۇ يۇقىرى بىر سەۋىيە ياراتماقتا، دىنىي زاتلار ئەسەبىيلىك قالپىقى بىلەن باستۇرۇلماقتا.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن ھەرخىل قانۇن، تۈزۈملەرنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي بۇ قانۇنلارسىزمۇ، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى 1949-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تۈزۈش تەكلىپ پىكرى 2014-يىلى 7-ئايدا چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، دائىمىي ئەزا نيۇ رۇجى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇ پىكرىدە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تىزدىن تۈزۈپ چىقىپ، دىنىي ئېقىمنىڭ يامان تەسىرىنى تۈگىتىش زۆرۈرىيىتى مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالغاندا، مۇنداق بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاشكارىلىغان: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 25 پىرسەنتى دىننىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايدۇ. 26.5 پىرسەنت كومپارتىيە ئەزاسى ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپلەردە دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي ئىدىيە تەشۋىقاتىنى چەكلىشىنى قوللىمايدۇ. 8 پىرسەنت كومپارتىيە ئەزالىرى كاپىرلارنى ئۆلتۈرسە جەننەتكە كىرىدۇ، دېگەنگە ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. 18.2 پىرسەنت كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتكە بېرىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، بىراق چەكلىمە سەۋەبلىك بارالمايدۇ.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت