تۈركىيە «ۋاھدەت گېزىتى» مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.05.21
wahdet-geziti-musulman-bayanat.jpg دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىپ ئېلان قىلىنغان «ۋاھدەت گېزىتى»نىڭ مەخسۇس باياناتى. 2015-يىلى 18-ماي.
gazetevahdet.com

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاملارغا يازدۇرغان «ئوقۇسىڭىز نامازنى بەش ۋاق كۈندە، خۇدا بەرمەس سىزگە گۆش گىردە» دېگەن خېتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. 18-ماي كۈنى تۈركىيەدە چىقىۋاتقان «ۋاھدەت گېزىتى» مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى يازدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي بۇ يىل 1-ئايدىن تارتىپ ئاياللارنىڭ روپاش، ئابايى كىيىشنى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلىدى.

ئارقىدىن ئىسلامى ئۆرپ-ئادەت بويىچە كىيىم كىيگەنلەرنى دوقمۇش-دوقمۇشتا تەكشۈرۈپ كىيىم-كېچەكلىرىنى تارتىۋېلىشقا، ساقال قويغانلارنىڭ ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە باشلىدى. ئارقىدىنلا مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھاراق ئىچىشكە ۋە تاماكا چېكىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ھۆججەت چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىشقا ئوخشاش ئەقىلگە سىغمايدىغان سىياسەتلەر بىلەن خەلقنىڭ نەپرىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. ھەتتا خىتاي خېلى بۇرۇنلا 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ناماز قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلەرگە، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىشىغا ئىسلام دۇنياسى ھېچقانداق رېئاكسىيە بىلدۈرمىدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تاملارغا ئىسلام دىنىنى كەمسىتىدىغان ھاقارەت قىلىدىغان خەتلەرنى يېزىپ چاپلاشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاسقان شوئارلىرى بىلەن ئادەمنىڭ رىزقىنى ئاللانىڭ بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ شەرىپىنى، مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز.

ۋاھدەت گېزىتى 2015-يىلى 18-ماي كۈنى»

كۆزەتكۈچىلەر، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىسلام دىنىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كەمسىتىدىغان رەسىم ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنسا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار، خىتاينىڭ بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان سىياسىتى ۋە ئىسلام دىنىغا قارىتا قىلىۋاتقان كەمسىتىشلىرىگە نېمە ئۈچۈن قاراپ تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل خەۋەرلەرگە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دېگەندەك يەر بەرمەيدۇ؟ دەپ سوئال قويماقتا. بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان مەسخىرە ۋە ھاقارەتلىرىنىڭ دېگەندەك كۈن تەرتىپكە كەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.