ئۇيغۇرلار: بارىن ئىنقىلابچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى تونۇتقان

ئىختىيارى مۇخبىرمىز پىدائىي
2014.04.11
gollandiye-barin-inqilabi.jpg ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ شېھىتلىرىنى ياد ئەتتى. 2014-يىلى 6-ئاپرېل، گوللاندىيە.
Photo: RFA

گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، بارىن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكنى قايتا تونۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پائالىيەت 6‏-ئاپرېل گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىشتىراكچىلار ئالدى بىلەن بارىن ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان ئۇيغۇرلارنى ياد ئەتتى ۋە 19 يىلدىن بېرى ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان بىر گوللاندىيەلىك ئەپەندىنىڭ ھايات ھېكايىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. يىغىن ئەھلى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بۇ پائالىيەتتىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

شۇ يەر ۋاقتى پېشىن نامىزىدىن يېنىپ باشلانغان بۇ پائالىيەتتە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قارىھاجىم بارىن ئىنقىلابىنى قىسقىچە ئەسلەش نۇتقى سۆزلىدى، ئاندىن ئەينى چاغدا شېھىت بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خەيرلىك تىلەپ قىلىپ، قۇرئان كەرىم ئوقۇلدى ۋە دۇئالار قىلىندى.

كېيىن، مۇسۇلمان بولغان يۈسۈف ستېفېنس ئىسىملىك گوللاند ئەپەندى ئىسلامغا كىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى.

يۈسۈف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گوللاندىيەنىڭ خىرونىڭېن شەھىرىدە بىر كوممۇنىست ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنىكەن. ئۇ، بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا قىزىقىشى بۇندىن 19-20 يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان قىز دوستىنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابتىن باشلانغان. ئۇ، بۇ كىتاب ئارقىلىق «قۇرئان» بىلەن تونۇشقان ۋە ئاخىرى مۇسۇلمان بولغان.

كۆپچىلىك ئىنتايىن قىزىقىش ۋە ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بەس-بەستە سوئاللار سوراشتى. يۈسۈف ئەپەندىمۇ قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك جاۋابلىرى بىلەن پائالىيەت ئەھلىنى خۇشال قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.