خىتاينىڭ ھالال يېمەكلىكلەر بەلگىلىمىسى دىنىي زاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ھالال بەلگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمە.
ھالال بەلگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمە.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بۇ يىل چىقارغان «مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش چارىسى» ناملىق ھۆججىتىدە، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە تەدبىر بېرىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى گۆش، سۈت ۋە ھايۋان يېغىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ھۆججەتتە، مۇسۇلمانچە بەلگىسىنى گۆش، سۈت ياكى ھايۋان يېغىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن باشقا مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىش چەكلىنىپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى چىقارغان بىر ھۆججىتىدە، «ھالال»، دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كەڭ دائىرىدە تەتبىقلاپ، ئۇنى سۈت، گۆش ۋە ھايۋان يېغىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن باشقا مەھسۇلاتلارغا ياكى ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىش دىنىي «ئاشقۇنلۇق» نىڭ بىر خىل ئىپادىسى، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

لېكىن بەزى تۇڭگان زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى «ھالال-ھارام»، دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىستېمال مەنىسىنى تارايتىپ، ئۇنى پەقەت گۆشلۈك يېمەكلىكلەرگىلا باغلاپ قويۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۇڭگان زىيالىيسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى، ھالال بەلگىسىنى چەكلەشنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا ھالال مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج ئارتقان. ئۇ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ بازار ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان يىگۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلە شىنجاڭدىلا ئەمەس، پۈتۈن خىتايدا مەۋجۇت ھادىسە. خۇسۇسەن گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا مۇسۇلمانلىشىشقا زەربە بېرىپ كەلدى. مۇسۇلمانلىشىشقا قارشى تۇرۇش دېگىنىمىز، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بازاردا ھالال مەھسۇلاتلارنىڭ بۇنداق كۆپىيىش كېتىشىگە قاراپ، بۇنى دىنى ئاشقۇنلۇق كۈچىيىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ بازاردىكى ھالال بەلگىسى قويۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ گۆش، سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئەمەسلىكىگە قاراپ، بۇنى ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىشى بىمەنىلىك. بۇنچىلىك كۆپ مەھسۇلاتلارغا ھالال بەلگىسى قويۇلۇشى، بۇ بازارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بولغان بىر سودا ھادىسىسىدۇر. چۈنكى، ھازىرقى خىتاي بازىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىنتايىن ئېغىر ھادىسە. لېكىن، ھالال يېمەكلىكلەردە دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلىمىسى بار. شۇڭا، ئۇ نىسبەتەن ئىشەنچلىك. مانا بۇ خىتايدا ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار كۆپ ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا تىجارەتچىلەر بازار تېپىش ئۈچۈن ئىشەنچلىك مەھسۇلاتنى كۆپرەك بازارغا سالىدۇ. ئەسلى بۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق».

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى ئىسلام دىنىدا ھالال-ھارامنىڭ گۆش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دىنىدىكى ھالال-ھارام پەقەت گۆش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ھالال، دېگەننىڭ مەنىسى ئۇ ئىشنى قىلىش ياكى يېمەكلىك بولسا يېيىش، ئىچىملىك بولسا ئىچىش ياكى بىر پائالىيەت بولسا قىلىش، بۇ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھارام، دېگەنمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىمىزدا چەكلەنگەن يېمەككە ئالاقىدار نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يامان ئىشلارنى قىلىش، مەسىلەن، ئىنساننى ئۆلتۈرۈش، ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش ھارام. باشقىلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىش ھارام. ھارام دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسى دىنى جەھەتتىن چەكلەنگەن ئىشلار، پائالىيەتلەر ۋە نەرسە-كېرەكلەر. ھالال-ھارام بۇ دىندا ناھايىتى مۇھىم. ئاللا تائاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا قۇرئاننىڭ ئەمىرى بىلەن ھالال-ھارامنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن».

لېكىن تۇرغۇنجان ئالاۋىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھالال يېمەكلىكلەرنى تەلەپ قىلىش ياكى ھالال ئۇقۇمىنى باشقا ساھەلەردە قوللىنىشنىڭ دىنى ئاشقۇنلۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن: «بۇ ھالال-ھارامنى ئايرىغانلىق ھېچقانداق دىنىي رادىكاللىققا كىرمەيدۇ. خەلقئارا قانۇندىمۇ بىلىسىز ياۋروپا-ئامېرىكىدىمۇ ھالال-ھارام، دەپ مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بويىچە پائالىيەت قىلىپ ماڭىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنىمۇ شۇنىڭغا قارىتا بەلگىلەيدۇ، غەرب دۆلەتلىرى قوپۇپ سەن ھالال-ھارامنى ئايرىدىڭ، سەن رادىكال، دېمەيدۇ. ھارام -ھالالنى ئايرىش بۇ دىندىكى ئاساسلىق ئۇقۇم. لېكىن رادىكاللىق دېگەن باشقا بىر مەسىلە».

سۇلايمان يىگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق مەھسۇلاتنىڭ ھالال، قانداق مەھسۇلاتنىڭ ھالال ئەمەسلىكىگە ئارىلىشىشى توغرا ئەمەس. ئۇ، نېمىنىڭ ھالال ياكى ھالال ئەمەسلىكىنى مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزى قارار بېرىشى، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان يىگۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ ئىشنىڭ ئەسلىدىنلا كومپارتىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە قول تىقىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. بىز بۇ يەردە كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تالاش-تارتىش قىلمايۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقا مەسىلە. بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە يېيىشى، نېمە ئىچىشى بۇ ھەر بىر پۇقرانىڭ شەخسىي مەسىلىسى. بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت قول تىقىشى كېرەك. مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار بىر خىل تاۋار. ئۇ بىر خىل بازار ھەرىكىتى، ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىغا ھالال، دەپ بەلگە قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھالال بولمىسا، دېمەك ئۇ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال غەرب دۆلەتلىرىدە بايقالسا، ھۆكۈمەت ئارىلىشىپ قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. خىتايمۇ شۇنداق قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۇ ھالال، ھالال ئەمەس دېگەنلەرگە ئارىلاشماسلىقى كېرەك. خىتاينىڭ سودا -سانائەت ئىدارىسى ئەسلى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى 92-نومۇرلۇق ھۆججىتى تارقىتىلغاندىن كېيىن ھەر قايسى ناھىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەرلىك ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مورى ناھىيەلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى يېقىندا بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆججەت چىقىرىپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلەر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى دەرھال قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بەلگىسىنى قايتا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بەلگىلىمىدە، گۆش، سۈت ۋە ھايۋان يېغى بولمىغان يېمەكلىك ۋە مەھسۇلاتلارغا مۇسۇلمانچە بەلگە قويۇش مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت