تارقاق ھەج ۋە باشقا دىنىي سەۋەبلەر بىلەن نەچچە يۈز ئۇيغۇر قامالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.05
hej-musulman-mekke.jpg ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ئەرەفاتتا تۇرماقتا. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
AFP

يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سانجى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئادۋوكات رادىيومىزدا سانجى شەھەرلىك قاماقخانىغا تارقاق ھەج قىلغان، دېگەن سەۋەب بىلەن 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سولاپ قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ئادۋوكاتنىڭ 4‏-ئىيۇل رادىيومىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 3‏-ئايدا بىر كىشىنىڭ ئەرزىيەت ئىشى بىلەن سانجى شەھەرلىك قاماقخانىغا بېرىپ، شۇ يەردە «قانۇنسىز ھەج قىلغان» دېگەن سەۋەب بىلەن 200-300 دەك ئۇيغۇرنىڭ سولاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن.

بىز چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ئادۋوكات تەمىنلىگەن ئۇچۇرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سانجى شەھەرلىك قاماقخانىغا تېلېفون قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۇق. قاماقخانىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى ئەمەلدارى مەزكۇر قاماقخانىدا دىنىي تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.

ئۇ: «بۇ سانجى شەھەرلىك قاماقخانا. بۇنى سوراشقا بولمايدۇ. سىز دېگەن بۇ نەرسىلەرنى مېنىڭ بىلىش ھوقۇقۇم يوق. بۇنى مەندىن سورىسىڭىز پايدىسىز. مەن بىلگەن تەقدىردىمۇ، سىزگە ئېيتىپ بەرسەم بولمايدۇ. ئۇلارنى قايسى ئورۇن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن. مەن سىزگە دېدىمغۇ، ئۇلارنىڭ سانىنى سىزگە دەپ بېرىش ھوقۇقۇم يوق. بۇ ئىشلارنى مەندىن سورىماڭ، بولامدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سانجى شەھەرلىك ساقچىخانىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر، بىر قىسمى تۇڭگان بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۇتقۇن قىلىنغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىش، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە ئوقۇش ياكى تىجارەت قىلىش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ، دىنىي تەبلىغ سۆزلەش ۋە ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش... قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردا، بۇلارنىڭ بەزەنلىرى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوقۇغان بالىلار. بەزەنلىرى چەتئەلگە چىققان، تىجارەتكە بارغان، تۇغقان يوقلاشقا چىققان ۋە ئۆزى چىققان دۆلەتتىن ئاتلاپ ئەرەب دۆلەتلىرىگە بارغانلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە، باشقا بىر سەۋەب بىلەن چەتئەلگە چىقىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە ۋە ھەجگە بارغانلار بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋاتىدۇ. يىغىۋېلىنغان پاسپورت سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەرەب ئەللىرىگە بارغانلىقى پاش بولۇپ قالدى. سانجى قاماقخانىسىدىكىلەر 300 گە يېقىن ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار بار، خېلى كۆپ، ئۇلارنىڭ 20-30% تۇڭگان.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قوزغىغان «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراتقان. يەرلىك دائىرىلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇۋېلىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئامالسىز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرتىغا قايتىپ بارغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، ئۆزلىرى سىياسىي تەربىيە كۇرسلىرىغا ئەۋەتىلگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر خەۋىرى يوقكەن.

سانجىدىكى ئادۋوكاتنىڭ رادىيومىزدا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇسۇلمان ئائىلىلەرنىڭ ھەرقانداق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇنسىز، دەپ بىر تەرەپ قىلماقتىكەن. ئۇ، 4‏-ئىيۇل رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ بۇ توغرىسىدا ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرىگە چۈشۈرگەن ھۆججىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى ھۆججىتىدە، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئائىلىلەردىكى غەيرىي رەسمىي دىنىي يىغىلىشلارنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇ، سانجى شەھەرلىك سوتتىكى بىر سوتچىنىڭ ئۆزلىرىگە «مۇسۇلمان ئائىلىلەردىكى ھەرقانداق دىنىي خاراكتېرلىك يىغىلىش قانۇنسىز» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سانجى ئوبلاستىدىكى مەلۇم بىر ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا ھازىر ئائىلىدە ھېچقانداق دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ئۆيدە ئۇنداق دىنىي پائالىيەت قىلسا، قۇرئان ئوقۇتسا بولمايدۇ. ھازىر ئۇنى قانۇنسىز دەپ ھېسابلايدۇ.»

مۇخبىر: نورمالدا رۇخسەت سوراپ قىلىشقىمۇ بولمامدۇ؟ مەسىلەن، سىلەرگە دەپ قويۇپ ياكى مەھەللە كومىتېتىغا دەپ قويۇپ، خەتمە-قۇرئان قىلىمەن، دەپ. ئۇنىڭغا بولمامدۇ؟

نۆۋەتچى: ئۇنداق قىلسا بولمامدىكىنتاڭ ھازىر. ھازىر بۇ ۋەزىيەت سەل مۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇنىمايدۇ ئىش قىلىپ.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق» نى مۈجمەل ۋە كەڭ دائىرىلىك چۈشەندۈرۈشى، ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە جازالىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەيلى، رادىكاللىق دەيلى، تېررورلۇق دەيلى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئۆلچىمى يوق. ئومۇميۈزلۈك گۇماندار ياكى تۇرمۇش ئۆرپ‏-ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ رامكىغا ئەكىرىۋالغان. بۇنىڭ ئورتاق قانۇنى ئۆلچىمى يوق. ئۇنىڭ پەقەت سىياسىي ئۆلچىمى بار. شۇڭا، ئۇ خالىغان ئادەمنى تېررور دېيەلەيدۇ، خالىغان ئادەمنى رادىكال دەيدۇ. خالىغاننى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ نېمە دېگەندە، ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىنى ھۆرمەت قىلمىغىنى.»

خىتاينىڭ دىنىي رادىكاللىققا بەرگەن تەبىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا قوللانغان تەدبىرى يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل رامىزاندا يولغا قويغان دىنىي چەكلەش تەدبىرلىرىنى تەنقىدلىگەن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى دانىئال مارك، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل رامىزاندا يەنە، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدىكى دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.