دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپلىنىشىنى چەكلىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.11.16
hijap-romal-yaghliq-reshatka-jaza-305.jpg تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
RFA/Ruqiye

ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپلىنىشى، ياش ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا ئاشكارا چەكلەنگەن بولسا، كېيىن بۇ چەكلىمە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭەيگەن ئىدى. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاقسۇ، شىمالدىن غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر خىل قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپلىنىشى، ياش ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق جايلىرىدىكى ناھىيە، يېزىلاردىن رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى يىللاردا بۇ جايلاردا بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپلىنىشى، ياش ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قاتارلىق ۋەزىيەت بۇلتۇردىن بۇيان ئۆزگەرگەن.

ئاقسۇدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئىككى يىلدىن بۇيان يېزىغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئۆز مەسئۇل بولغان يېزا، كەنتلەردىكى دىنىي ئېتىقادى نىسبەتەن كۈچلۈك دەپ قارالغان ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «زامانغا لايىق مەدەنىي كىيىنىشى» نى، ياش تۇرۇپ ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ تەشۋىقات-تەشەببۇسىنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە يولۇقۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىدا، بۇ ئايال ئېھتىياتچانلىق بىلەن، «يېزا كادىرلىرى ئامال بار تەشۋىقات-تەربىيە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ھىجاپلانغان ئايالنى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە لايىق كىيىنىشكە كۆندۈرىدۇ، بۇلتۇردىن بۇيان قانۇن ئورۇنلىرىدىن چەكلىگەندىن كېيىن بىزنىڭ بۇ جايدا ئاياللار ئاساسەن ھىجاپلانمايدىغان بولدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خانىم ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزا ۋە ناھىيىدە «دىنىي يوسۇندا كىيىنگۈچىلەرگە قارىتىلغان قاتتىق بەلگىلىمىلەر سەۋەبىدىن، ھازىر ئۇلارنىڭ يېزىسىدا بولسۇن، ياكى ناھىيە بازىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئوبلاست مەركىزى غۇلجا شەھىرىدە بولسۇن، ھىجاپلىنىپ يۈرىدىغان ئاياللارنى كۆرگىلى بولمايدىغان» ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم بايانىدا، كوچىلاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئاپتوبۇسلاردا ھىجاپلانغان ئاياللارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا «مەخسۇس ھىجاپلىق ئاياللارنى يىغىۋېلىپ 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە تەربىيىلەيدىغان كۇرس تەسىس قىلىنىپ، كۇرسقا قاتناشتۇرۇلغان ئاياللارنىڭ بەلگىلىك نىزام-قائىدىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقى، ھىجاپلىق ئاياللارغا مەسئۇل كادىرلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن كۆينەكلىرى ۋە بېشىنى تولۇق يۆگىگەن چوڭ ياغلىقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن پۇل ئاجرىتىپ سېتىۋېلىنغان زامانىۋى كىيىم-كېچەكلەر بېرىلىدىغانلىقى» قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئىككى خانىم يەنە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان «زامانىۋى كىيىنىش» ئۆلچىمىنىڭ ئۆرنەكلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «نۆۋەتتە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى ياپمىسىلا كىيىنىش جەھەتتە باشقا چەكلىمىلەرنىڭ يوقلۇقىنى، ياش ئاياللارنىڭ يازدا كىچىك ياغلىقلارنى، قىش كۈنلىرى چوڭ رومال ياغلىقلارنى يۈزىنى ئوچۇق قويۇپ ئارتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغان ئوتتۇرا ياشتىن تۆۋەن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە ياغلىق ئارتماسلىق، ئىش ئورنىدا فورما كىيىش تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.