ئۇيغۇرلاردىكى ھىجرەت سەپەرۋەرلىكى(1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2014.04.12
Islam-dunyasi-ijtimaiy-teshkilatlar-yighinida-uyghurlar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 5 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 28 ‏- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻣﺎﻻﻳﺴﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﯘﺋﺎﻻﻟﯘﻣﭙﯘﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 9 ‏- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Arslan


يېقىندىن بىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھىجرەت سەپەرۋەرلىكى كۈچىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. مۇشۇ بىر قانچە ئايدىن بېرى چېگرىدىن پاسپورتسىز چىققان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېيتنام، مالايشىيا، تايلاند، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە توپلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان يوقىرىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ھىجرەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۆلىمالار، ھىجرەتكە سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلارنىڭ ساختىپەزلىك بىلەن پۇل تېپىش مەقسىتىدە باش پاناھسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇپ، خىتاي چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە ئېلىپ چىقىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىجرەتنىڭ مەنىسى، شەرتلىرى ۋە تۈرلىرى، شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بىر قانچە ئون يىل ئىشلىگەن ۋە ھازىر مۇستەقىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇئەھەد ھاجىم بىلەن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىرگە، سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان ياسىن ھاجىم ئىككەيلەنگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ياسىن ھاجىم مۇنداق دېدى:«ئەرەب تىلىدىكى ھىجرەت سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن تەرك ئېتىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا، ھىجرەت كۇفرى دىيارىنى تەرك ئېتىپ ئىسلام دىيارىغا كۆچ قىلىش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. ھىجرەت ئىسلام دىنىدا ئورنى ئالاھىدە ئىنتايىن چوڭ، دەرىجىسى يۇقىرى ۋە ساۋابى كۆپ بولغان بىر كاتتا ئىبادەتتۇر. ھىجرەت ئىسلام دىنىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان مۇھىم بىر ئەمەلدۇر. ئەمما ئۇنىڭ شەرتلىرى بار. ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ بارىدىغان جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ھىجرەت قىلىپ كەلگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشى ۋە مۇھاجىرلارنىڭ جېنى بىلەن مال - مۈلكىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت قىلىشى شەرتتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇشتىن ئاۋۋال ئۇلار ھىجرەت قىلىپ بارسا بولىدىغان بىر جاينى تاللىغان ۋە ئۇ جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق بېرىدىغانلىقىدىن كۆڭلى تامامەن خاتىرجەم بولغان. ئاندىن ساھابىلەرنىڭ ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. مەسىلەن: بىرىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغىنىدا، ئۇلارنى ھەبەشىستانغا بېرىشقا بۇيرىغان ۋە ئۇلارغا «ئۇ جايدا يېنىغا بارغانلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان، ئادالەتلىك بىر پادىشاھ بار» دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان. ھەتتا مەدىنە ھىجرىتىدىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەردىن ھىجرەت قىلىپ بارغۇچىلارنى قوغدىشى توغرىلىق ئەھدى ئالغان. مەسىلەن: مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار بىرىنچى قېتىم ئەقەبە دېگەن جايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغاندا، مەدىنىلىكلەرنىڭ مەككىدىن بارىدىغان مۇھاجىرلارنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىغا دائىر ئۇلاردىن ئەھدى ئالغاندىن كېيىن، مەدىنىگە ئۇلارغا دىننى ئۆگىتىش ئۈچۈن ساھابىلىرىدىن ئابدۇللا ئىبىن ئۇممۇ مەكتۇم بىلەن مۇسئەب ئىبىن ئۇمەيرنى ئەۋەتكەن. ئىككىنچى قېتىملىق بەيئەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىلىك مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلىپ بارىدىغانلارنى، ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئاياللىرىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغانلىقىغا دائىر ئەھدى ئالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بۇنىڭغا كۇپايە قىلماستىن، مەدىنىلىك 75 كىشىدىن 12 كىشىنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ مۇسۇلمانلارنى قوغدىشىغا كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇلار كاپالەت بېرىدۇ. ھەبەشىستان ھىجرىتىگە كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ھەبەشىستانغا تۇنجى قېتىم ئەۋەتكىنىدە، ئۇلارغا«ئۇ جايدا يېنىغا بارغانلار زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغان، ئادالەتلىك بىر پادىشاھ بار» دېگەن سۆزى ساھابىلىرىغا بەرگەن بىر كاپالەت ئىدى. ئەگەر پەيغەمبىرىمىزدە ساھابىلىرىنىڭ ھەبەشىستاندا ئامانلىققا ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە بۇ ئىشەنچ بولمىسا ئىدى، ساھابىلىرىنىڭ ئۇجايغا ھىجرەت قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمىغان بولار ئىدى. دېمەك، ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن بارىدىغان جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشى شەرت. ئەمما ھازىر بۇ شەرت نەدە بولسۇن!»

ئابدۇئەھەد ھاجىم مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان، بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان ھەدىسلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىجرەتنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، دىنىي ئەقىدە خەتەرگە ئۇچرىغان ۋە مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىنى ئەركىن - ئازادە قىلالمايدىغان شارائىتقا دۇچ كەلگەن جايدىن پەقەت دىننى قوغداش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە كۈچلىنىپ قايتىپ كېلىش مەقسىتى بىلەن دىنىي ئەقىدە قوغدىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ جېنى ۋە مال - مۈلكى ئامانلىققا ئېرىشىدىغان باشقا بىر جايغا كۆچۈش دېگەنلىكتۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلغان ھىجرەت بولۇپ، ساھابىلەرنىڭ ھەبەسىستانغا قىلغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى، مۇسۇلمانلار دىنىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان جايدىن ئىسلام قانۇنلىرى تەتبىق قىلىنىدىغان، مۇھاجىرلار قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جېنى، مال - مۈلۈكى دۆلەت تەرەپتىن قوغدىلىدىغان بىر ئىسلام دىيارىغا شۇ جايدا ئىسلامنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشۇش مەقسىتى بىلەن ھىجرەت قىلىپ بېرىش بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە قىلغان ھىجرىتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئىسلام بايرىقى تىكلەنگەن، ئىسلام قانۇنلىرى تەتبىق قىلىنىشقا باشلىغا ۋە مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ كۈچلىنىشكە ئەڭ زور مۇھتاج بولۇۋاتقان بىر ۋاقىت ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىنى تەرك ئېتىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن ۋە قاتتىق تەشەببۇس قىلىنغان. ئۈچىنچىسى، ئىسلام دىنىغا ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە ئەركىن - ئازادە بىر ئىسلام دۆلىتىگە بېرىپ، دىنىي ھاياتىنى كەڭتاشا داۋام قىلدۇرۇشى مەقسەت قىلىنغان ھىجرەت بولۇپ، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەنئى قىلغان. چۈنكى مەككە فەتھى بولغاندىن كېيىن، كۆپ كىشىلەر مەككىدىن ۋە باشقا جايلاردىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن توسۇپ، تۇرغان جايلىرىدا قېلىشقا ۋە ئىسلامنى شۇ جايلاردا قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغان.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.