خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە تاھىرنىڭ ئەرۋاھىدىن داۋاملىق پايدىلانماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.28
Heytgah-Imami-Jume-Tayir.jpg خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى 1-قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەيىبلىمەكتە.
CCTV

2014-يىلى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئەرۋاھى ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىدىغان «ئۆگىنىش ئۈلگىسى» گە ئايلاندۇرۇلماقتا.

بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇن مەخسۇس قەشقەرگە بېرىپ، يەنە بىر قېتىم جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان.

دادىسىنىڭ ئورنىغا ھېيتگاھ جامەسىگە ئىماملىققا تەيىنلەنگەن جۈمە تاھىرنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مەمەت جۈمە جۇ خەيلۇنگە ۋەدە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە يارىشا شەرھىلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان جۈمە تاھىرنىڭ ئەرۋاھىنى بازارغا سېلىپ، ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىغا زوراۋانلىق بىلەن ئارىلىشىشى شۇنداقلا جۈمە تاھىرنىڭ ئوغلىنى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

قەشقەردە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن، كىچىكىدىن تارتىپ جۈمە تاھىرنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەنجان تەجەللى قارىم جۈمە تاھىرنىڭ 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق پايدىلىنىلىپ كېلىنگەن كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، جۈمە تاھىر 1990-يىللاردىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا فېۋرال ۋەقەسى ھەمدە خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتىشى قاتارلىق زور ۋەقەلەردە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋەز ئېيتقان. ھەتتا ئۇ «پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ» دېگەن سۆزنى بازارغا سېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالغان. شۇ يىللاردا قەشقەر ياشلىرىنىڭ ئۇنى تاھارەت ئېلىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتكەنلىكى مەلۇم.

ھۈسەنجان قارىم يەنە، جۈمە تاھىرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە كېلىپ چىقىشىنىڭ سىرلىق ئىكەنلىكىنى، قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ «خىتاينىڭ بالىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆز تارقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر شەھىرىدىكى ئاياقگۈزەر مەسچىتىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئەركىن ھاجىممۇ جۈمە تاھىرنىڭ سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قەشقەر خەلقى ئارىسىدا 1980-يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك گۇمانلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەينى يىللىرى قەشقەر ياشلىرىنىڭ قەشقەر تۆشۈك دەرۋازا مەسچىتىدە جۈمە تاھىرنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە ئوقۇلغان بىر جىنازا نامازغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەككە مۇكەررەمدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زىيالىيلاردىن سىراجىدىن ھاجىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دىنىدا قارا-قويۇق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە قان تۆكۈش چەكلەنگەن. ھالبۇكى، جۈمە تاھىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپىنى چېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىگە زىيان كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە باشقا ھېچكىم جاۋابكار بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە جۈمە تاھىردەك ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنلىكىنى، خىتاي ئۇنىڭ ئەرۋاھىنى ھەرقانچە تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۇتالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ، «جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى، خالاس. جۈمە تاھىرنىڭ تەقدىرى ئەمەلىيەتتە 1930-يىللاردا ئۆلتۈرۈلگەن مىللىي مۇناپىق ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللا ۋە 1990-يىللاردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتايپەرەس ھارۇنخان ھاجىلار بىلەن ئوخشاش بىر ھېكايە» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.