قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام
2013.10.16
heyt-namaz-urumchi-305.jpg مەسچىتكە سىغمىغان كىشىلەرنىڭ كوچىلاردا رەتلىك تۇرۇپ قۇربان ھېيت نامىزى ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 7-نويابىر، ئۈرۈمچى.
Facebooktin elinghan

بۇ يىلقى قۇربان ھېيت قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بىشكەكتىكى مەركىزىي مەيداندا 60 مىڭ ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ قۇربان ھېيتنى كۆڭۈللۈك كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلىماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىنى تۆكۈلتاش مەھەللىسىدىكى مەسچىتتە ئوقۇدى.

قىرغىزىستاندا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە قاراقول، قارابالتا ۋە ئوش شەھەرلىرى شۇنىڭدەك ئوش ۋىلايىتىنىڭ قاراسۇ ناھىيىسىدە ياشايدىغانلىقى مەلۇم.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.