ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندا جەم بولۇپ 2016 - يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتىۋالدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.12
amerika-uyghur-qurban-heyt-2016.jpg نۇردۇن ھاجىم قۇربان ھېيتلىق خۇتبە سۆزلىمەكتە
RFA/Qutlan


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز ۋەتەنداشلار!

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ 2016 - يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتىۋالدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىرجىنىيە ۋە مارىلان ئىشتاتلىرىدىن يىغىلغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى فەيرفاكس رايونىدىكى تۈرك جامەسىگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

جامائەت نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە تەگبىر ئېيتىپ مەسچىتكە قەدەم باستى. جامائەت چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ھېيت نامىزىغا تەييارلاندى.

نامازدىن بۇرۇن نۇردۇن ھاجىم ۋەز ئېيتىپ، ھەجنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز قىلىنغانلىقى، قۇربان ھەيت نامىزىنى ئوقۇش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىب قىلىنغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئۇ يەنە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» لەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربان ھېيتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈن ئىكەنلىكى ۋە قۇربانلىق كېسىشنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيت نامىزىدا ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك - ئىتتىپاقلىقى ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن جامائەت نۇردۇن ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇئاغا قول كۆتۈردى.

ھېيت نامىزىدىن كېيىنكى دۇئادا يەنە ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەتلەر ئوقۇلدى. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان قىز - ئوغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىاتلىرىغا ئاللاھدىن غەيرەت - جاسارەت ھەم سەبىر تىلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدا بولسۇن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جامائەتلىشىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يىلدا ئىككى قېتىم كېلىدىغان ھېيت نامىزى ۋە باشقا مىللىي ھەم دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر جايغا جەم قىلىدىغان، ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان شۇنداقلا مىللىي ئۇيۇشۇشنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى تونۇتىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.