سەئۇدىلىق ئۇيغۇرلار پادىشاھ سالماننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج ئىشلىرىدا خىتايغا بېسىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-03-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2017-يىلى 16-مارت، بېيجىڭ.
خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2017-يىلى 16-مارت، بېيجىڭ.
AFP

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىن سالماننىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي زىيارىتى 3 كۈن داۋام قىلىدۇ. بىن سالمان زىيارىتىنىڭ 1‏-كۈنى خىتاي بىلەن 65 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىم پادىشاھ سالمان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئىمزالانغان.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئېنېرگىيە، ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كېلىشىم سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى ئارامكو بىلەن خىتاي شىمالىي جۇڭگو سانائەت شىركىتىنىڭ خىتايدا نېفىت ئايرىش ۋە خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇش پىلانى، خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇل سانائەت گۇرۇھىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خىتايدا نېفىت-خىمىيە كارخانىلىرىنى تەسىس قىلىش پىلانلىرىنى ئۆز ئىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى سالمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، سەئۇدى-خىتاي ھەمكارلىقى «بىزنىڭ كۈتكەنلىرىمىزدىن ھالقىپ كەتتى» دېگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى ھەرەمنىڭ ھامىسى، دەپ ئاتالغان پادىشاھ سالماننىڭ زىيارىتى خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

بەزى سەئۇدىلىق ئۇيغۇر زاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پادىشاھ سالماننىڭ زىيارىتى خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئاز ئۇچرايدىغان پۇرسەت.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق جامائەت ئەربابى ۋە ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى، سەئۇدى پادىشاھىنىڭ ھەج مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەج قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى بىز ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، ئىسلام دىنى بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىمىزدا قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىر دىن. يەنى بىر قانچە نۇقتىدىن دىققەت قىلىشى كېرەك، دىققەت قىلغان بولۇشى لازىم. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى خۇسۇسەن بۇ 10 يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى، ھەج ئۆمىكى كېلەلمەيۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ. بۇ مەسىلىدە بىر ئاز يول قويۇشى ۋە ھېچ بولمىسا باشقا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئۆمرە، ھەج ئىبادەتلىرىنى قىلىشىغا يول قويۇش مەسىلىلىرىدە ئەلۋەتتە سۆزلىشىشى مۇمكىن. ئىنشائاللا، بۇنىڭغا ئۈمىدىمىز بار».

2016‏-يىلى خىتايدىن 14 مىڭ 500 مۇسۇلمان ھەج قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 4000 دەك كىشى ئۇيغۇر رايونىدىن بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەج قىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى چەكلەپ كەلگەن. 2016‏-يىلى تارقاق ھەجگە بارغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مەككىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر چىققان ئىدى.

سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، سەئۇدى پادىشاھى مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاينىڭ دىنىي بېسىمى، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار مەۋجۇت ئىكەن.

ئۇ: «ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئۇستىلىرىدا كۆپ يېزىلدى بۇ مەسىلىلەر، يەنى ئەرەبلىشىشكە قارشى ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر، دوپپا كىيىش، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىش، قارا كىيىم كىيىشنى چەكلەش، دېگەندەك مەسىلىلەر. بۇنىڭغا قارىتا سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەرسە دېيىشكەنلىكىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن قىلىپ كەلگەن ئىشلىرى ئەملىيەتنى يوشۇرۇپ، مەيلى بىزنىڭ ۋەتەندە بولسۇن، مەيلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولسۇن، مۇسۇلمانلارغا قارىتا بېسىمنىڭ يوقلۇقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كەڭلىكىنى پۈتۈن ئاخبارات ئۇستىلىرىدا جار سالىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار مەۋجۇت»، دېدى.

تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللا شەھيارى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە پىكىر قىلىشى بەك مۈشكۈل.

ئاتاۋۇللا شەھيارى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ زىيارەتنى تىجارى مەقسەتلىك بىر زىيارەت، دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا ئىران بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن. ئەمدى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن ناھايىتى جىددىي بىر ئەھۋال ئاستىدا ھازىر. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار قانداق نەرسىلەرنى سۆزلىشىدۇ، ئۇنى بىز بىلمەيمىز. مېنىڭ شەخسى قارىشىمدا ئۇنىڭ سىياسىي تەرىپىگە بىر نېمە دېمەك بەك تەس، ئۇنىڭغا بەك بىر نېمەك دەپ كېتەلمەيمىز. ئەگەر ئۇ بىر سىياسىي زىيارەت بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر پايدىسى تەگمەيدۇ. قايسى دۆلەت خىتاي بىلەن سىياسىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ، تېرور-مۆرىر، دەپ كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى، ئۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم بولۇشقا باشلايدۇ. بەزى خەۋەرلەر چىقتى، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىغا دائىر. مۇشۇ ئېتىباردا كۆرۈشكەن بولۇشى مۇمكىن».

بىراق ئاتاۋۇللا شەھيارى ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى مەسىلىسى خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىدىكى ئاجىزلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش يېقىنلىشىشنى دەرھال پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشقا قارىتا بەزى تەلەپلەرنى قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى مەن بىلمدىم. ئەمما يىغىپ ئېيتقاندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى مەسىلىلىرى بۇ خىتاينىڭ ھازىرقى ئىچىدىكى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش مېخانىزمىدىكى ئاجىزلىق، دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا سىياسەتچىلەر قېتىلامدۇ، قېتىلمامدۇ، بىلمەيمەن. بولمىسا، خىتاينىڭ دىن، دەيدىغان بىر دەردى يوق. خىتاينىڭ ئۆزىمۇ بىر دىنغا باغلىق ئەمەس».

خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدە بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى گۇرۇھلارنى قوللاپ كەلگەن دۆلەتلەر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇھلارغا ياردەم بېرىپ كەلگەن ئىدى.
پادىشاھ سالماننىڭ زىيارىتىدە بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كېلەمدۇ- كەلمەمدۇ، مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراق-سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلارنىڭ جىددىي تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھالقىلىق مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئامېرىكا راند تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئاندرېئو سكوبىل ئامېرىكا ئاخباراتىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ئەھۋالنى خۇلاسىلەپ،«بېيجىڭ بەزىدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ستېراتىگىيەسىدە سەل چاغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت -ئۇيغۇرلار ھازىر ئاچقۇچلۇق ئامىل» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت