خىتاي ھۆكۈمىتى تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.11
Gensu-jang-jyachuen-qizlar-diniy-mektep-305.jpg گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جاڭ جياچۇەن قىزلار دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان قىزلار.
Baidu

گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆلكە تەۋەسىدىكى مەكتەپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قاتتىق چەكلىگەن. گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى خىتاي تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغان يەسلى يېشىدىكى بىر تۇڭگان قىزچاقنىڭ سىنىپىدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان  ۋىدېئو كۆرۈنۈشىگە قارىتا ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ۋىدېئو «ئاتېئىست» خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى. گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى 5‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ ۋىدېئو «كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى ئۇلارنىڭ ئەقلىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق» دېگەن.

ئۇنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، «گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق بۇ خىل ھەرىكەتنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەكتەپ ئورۇنلىرىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي ۋە ئۈزۈل-كېسىل چەكلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر ۋەقە خىتاي تور بەتلىرىدە نىڭشيادىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدا ئەرەب يېزىقى ۋە تىلىنىڭ ئومۇملىشىپ، ئەرەبلىشىش، ئىسلاملىشىش خاھىشى كۈچىيىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ما خەييۈن، خىتاي ۋەزىيىتىدىكى بۇ ئەھۋالنى پارتىيە ئىچىدىكى جۇ ۋېيچۈن، يې شاۋۋېن قاتارلىق چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىگە باغلايدۇ.

ما خەييۈن مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى 2‏-ئەۋلاد مىللىي سىياسەت تەشەببۇسچىلىرىنىڭ پىكرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىلقى دىنىي خىزمەت يىغىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى چوڭ خىتايچىلار ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ جىنۋېي) سابىق مىللىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى (ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر مەسىلە بار، كېلەر يىلى 19‏-قۇرۇلتاي ئېچىلىدۇ. قائىدىگە ئاساسەن 19‏-قۇرۇلتايدا مىللىي ۋە دىنىي ساھەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرى سىياسىي بيۇروغا كىرىشى كېرەك. ئەمما جۇ ۋېيچۈن بىلەن يې شاۋۋېننىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشىغا ئاز قالدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ 19‏-قۇرۇلتايدا مەلۇم سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، مۇسۇلمانلارغا قارا چاپلاۋاتقانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.»

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ ۋېيچۈن، خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.

پروفېسسور ما خەييۈننىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇ ۋېيچۈن، يې شاۋۋېن قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بىر نەپەر ئايال مۇئاۋىن مىنىستىرى بارىكەن. ليۇ يەندۇڭ بولسا خىتاي دۆلەت كابىنېتىدىكى بىردىن-بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىر.

پروفېسسور ما خەييۈن: « ئېيتىشلارغا قارىغاندا جۇ ۋېيچۈن، يې شاۋۋېن ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ئارقا تېرىكى خىتاينىڭ بىر مۇئاۋىن ئايال باش مىنىستىرى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىياسىي ھوقۇق ئۈچۈن دىنىي، مىللىي مەسىلىنى كوزىر قىلىپ، جامائەت پىكرى توپلاش، ئاندىن بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە باغلاپ، 19‏-قۇرۇلتايدا مەلۇم كىشىلەرگە ھوقۇق تۇتقۇزۇش» دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلارغا تۇتقان نىسبەتەن كەڭرى دىنىي سىياسىتى تۇڭگانلاردا ئىسلامنىڭ كۈچىيىشى، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن پۈتۈنلىشىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن.

قاھار بارات، ئەمما ھازىر بۇ ئەھۋال خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەمما، ئەمدى ئىشىكنى يېپىلىش تەس» دەيدۇ.

قاھار بارات: « بۇ خىتايلار ئەزەلدىن ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا ئىككى خىل سىياسەت قوللىنىپ كەلگەن. تۇڭگانلارغا خەيرخاھلىق قىلىش، ئۇلارغا بىزە كەڭچىلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش، يەنى ئاستىرتىن ئېيتقاندا، سىلەر ‹ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىزگە قارشى چىقمىساڭلار، بىز سىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىڭلارنى بېرىمىز› دېگەن مەخسۇس ھۆججەتتە يېزىلمىغان بىر كېلىشىم بار بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا. بۇ تەرىپىنى ئويلىغان بىلەن، بۇنىڭ قارشى تەرىپى نېمە؟ دېسە، ئەگەر بۇ تۇڭگانلارغا سىياسەتنى بۇنچىلىك كەڭچىلىك قىلىۋەتسەك، بۇنىڭ ئاخىرى قانداق يەردىن چىقىدۇ؟ دېگەننى بۇلار ئويلىمىدى.

بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن يىل بولدى. 10-20 يىل بولاي، دەپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ 20 يىلدىن بۇيانقى دىنىي ئەركىنلىك خەلقئارادىكى ئىسلام دىنى چوڭ ئېقىمىغا بىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىزلەندۈردى ۋە ئەنسىزلەندۈرىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىشىكنى ئېچىش ئوڭاي، ئەمما يېپىش تەس. بۇلار ئەنسىرىدى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور قاھار بارات، شۇڭا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ۋەزىيەت تۇڭگانلارغا تەسىر قىلماي قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۇڭگانلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. 1946‏-يىلى گومىنداڭنىڭ مىللىي قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا تۇڭگانلار، بىزنى مىللەت، دەپ ئېتىراپ قىلسۇن، دېگەندە، جاڭ كەيشى ئۇنىمىغان ئىدى.

لېكىن كوممۇنىستلار كەلگەندىن كېيىن، تۇڭگانلارنى ئايرىم مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ تارىخىي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. تۇڭگانلارنىڭ قېنىدا ئەرەب قېنى بار، ئۇلارنىڭ ئەرەبلىشىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ دىنغا باغلانغان. بىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغان تۇڭگانلارغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ. قانداق ۋەقە چىقىشىنى بىلمەيمىز، ئەمما بۇ خەلقئارا ئېقىمغا قاراپ مېڭىۋاتقان بىر يۆلىنىش.»

لېكىن نۆۋەتتىكى ھالقىلىق مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، مۇسۇلمان تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە -ئاپتونوم رايونلارنى شىنجاڭلاشتۇرامدۇ؟ ئۇ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى بۇ رايونلاردا يۈرگۈزەلەمدۇ؟ پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، تۇڭگانلارغا ئۇنداق سىياسەت يۈرگۈزەلمەيدۇ.

ما خەيييۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ. خۇسۇسەن ئۇنىڭ قۇلايلىق كارتىسى، بۇ يىل ‏1‏-ماي بىكار قىلىندى. ئەمەلىيەتتە بۇ كارت شىنجاڭنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىق ئىستەيدىغانلىقىنى، فېئوداللىق تەپرىقىچىلىكنى، مىلىتارىزملىق ھۆكۈمرانلىقنى ياكى ھەربىي باشقۇرۇشنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىدى.

لېكىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى (تۇڭگانلار) غا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈش مۈشكۈل. چۈنكى، بىرىنچى، ئىچكىرىدىكىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن. ئىككىنچى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر قانۇن ۋە باشقا جەھەتلەردە شىنجاڭغا قارىغاندا ئوچۇقراق. ئۈچىنچى، ئەگەر بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈلسە ئۇنىڭ بۇنى كونترول قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.