ئۇيغۇر ئېلى دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» نىڭ 26 خىل ئىپادىسىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-03-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتقان دىنىي ئۆلىمالار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. ئۈرۈمچى.
دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتقان دىنىي ئۆلىمالار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. ئۈرۈمچى.
CCTV

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا چىقارغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نىڭ 26 خىل ئىپادىسىنى چەكلەش قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ھۆججىتىدە، ئىسلام، خرىستىئان، لاما دىنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەستىقلىمىغان بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدا قەيت قىلىنىشىچە، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت»نىڭ 26 خىل ئىپادىسى، توي خېتى بولمىغانلارغا نىكاھ ئوقۇش، دىنىي كىتاب ۋە ئاۋازلىق دىنىي ماتېرىياللارنى ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز تەھرىرلەش، تەرجىمە ۋە نەشر قىلىش، مەسچىت ئاتلاپ ناماز ئوقۇش ۋە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، كىنىشكىسى يوق ئۆلىمالار تەبلىغ قىلىش، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا مۇرىت قوبۇل قىلىش، تالاق قىلىش، لاما دىنىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا لاما تەيىنلەش، لاما ۋارىسلىرىنىڭ تەۋەللۇئاتىنى رايون ئاتلاپ ئىزدەش...قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى چىقارغان يېڭى ھۆججەت ياكى تەكرار ئېلان قىلىنغان كونا ھۆججەت ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما بۇ ھۆججەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 14‏-فېۋرال گۇما ناھىيىسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن، دائىرىلەر ھەربىي مانېۋىر، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «تېررورلۇق گۇرۇھلار ۋە تېررورچىلار»نىڭ «نېگىزلىك يېرىگە تار ‏-مار قىلىش، ھالاك قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش»نى جار سېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە پەيدا بولدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر يېزا كادىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى مەسچىت، دىنىي ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان دىنىي مۇخلىسلىرىنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.

يېزا كادىرى: بۇلار (ئۆلىمالار) دۈشەنبە، جۈمە كۈندىكى يىغىلىشقا چىقىدۇ. مەسچىتنىڭ نازارەت قىلىش ئاپپاراتى بار. ھەركىم ئۆز تەۋەسىدە ناماز ئۆتەيدۇ. بىرى، يەنە بىرسىنىڭكىگە ئاتلىمايدۇ. ئۆزلىرىگە ئايرىپ بەرگەن يەرگە بارىدۇ.

مۇخبىر: مەسچىتنىڭ ئىماملىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرامسىلەر پات-پات، بۇ سىياسەت توغرىسىدا؟
يېزا كادىرى: سۆھبەت بار، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرىمىز. بىز كادىرلار مەسچىت ھەيئەتلىرى ۋە ئاخۇنۇم بىلەن كۈندە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلىشىپ تۇرىمىز.

مۇخبىر: بۇ مەسچىت ئىماملىرى، ئاخۇنۇم ۋە مەسچىت ھەيئەتلىرىنىڭ پىكرى بارمۇ، مۇنداق-مۇنداق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، بۇ قانداق بولغىنى، دەيدىغان؟
يېزا كادىرى: ھازىرغىچە پىكرى چىقمىدى. ئۇلارمۇ خاتىرجەم بولسا بىزمۇ خاتىرجەم بولىدىكەنمىز، مۇشۇنداق تۇتساڭلار بىزنى. بىزمۇ قالايمىقان يەرگە دەسسەپ سېلىپ، تۈرمىگە كېتىپ قالمايدىكەنمىز، ئازمايدىكەنمىز، دەپ ھازىر ئۇلارمۇ توغرىسىنى چۈشەندى.

مۇخبىر: مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشى، مەسچىتنىڭ خىراجىتى ۋە باشقا ئىقتىسادى مەسىلىلەردە بىرەر پىكرى چىقتىمۇ ئۇلارنىڭ؟ مەسىلەن، مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭلار، ياكى ماۋۇ ئىش بولمىدى، ماۋۇ ئىش بولدى، دەيدىغان؟
يېزا كادىرى: ياق، ياق، ئۇنداق ئىشلار بولمىدى. ماۋۇ سىياسەتلەردىن خېلى رازى بولدى ھازىر. خاتىرجەملىك بولسا، نامىزىمىزنى ئۆتەپ خاتىرجەم بولىدىكەنمىز. خاتىرجەملىك بولمىسا، ئىش چىقىرىپ قويسا ھەممە ئادەمگە ئاۋارىچىلىك بولىدىكەن، دەپ.

مۇخبىر: بۇ جۈمە نامىزىغا كىرىدىغانلارنى قانداق باشقۇرىسىلەر؟ يەنى جۈمە نامىزى، ئەتىگەنلىك بامدات دەيدۇ،، كەچلىك خۇپتەن دەيدۇ؟
يېزا كادىرى: جۈمە نامىزىغا بارىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئەينا. بىز كادىرلار مەسچىتنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خاتىرجەم نامىزىنى ئوقۇيدۇ. جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغۇچە تۇرىمىز.

مۇخبىر: قانچىلىك ئادەم ئوقۇيدۇ جۈمە نامىزىنى؟ قانچىلىك ئادەم كېلىدۇ جۈمە نامىزىغا؟
يېزا كادىرى: ھازىر تەۋەلىكىدە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ھەر جۈمەگە 250-300 ئادەم بارىدۇ.

مۇخبىر: ياشلاردىن كېلىدىغانلار بارمۇ؟ يەنى دېمەكچى بولغىنىم 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنى دەيمەن؟
يېزا كادىرى: ياقەي، ياق، ئۇنداقلار ھەرگىز كىرەلمەيدۇ. ئاشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار بارالايدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى ۋاقتىدا قەتئىي كىرىشكە بولمايدۇ.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قاتتىق دىنىي چەكلىمە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئەقلىي پىكىر يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن.

د ئۇ ق نىڭ سابىق باش كاتىپى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا چەكلىمە قويغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى مەجبۇرىي ھالدا مەخپىي ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. مەخپىي ئۆگەنگەندە بەزى ناتوغرا كىشىلەرنىڭ (مۇخلىسلار) نى باشقا ياققا يېتەكلەپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ. مەسىلەن، سۈرىيەگە كېتىپ قالغان ياكى باشقا بىر يەرگە كېتىپ قالغانلار دېگەندەك. لېكىن بۇنى خىتاي كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى 1980-يىللاردىكىدەك قويۇۋەتكەن بولسا، مەسچىتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتسە، خەلق ئەركىن ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى قىلىپ، 5 ۋاقىت نامىزىنى ئوقۇپ، تۇرمۇشىنى قىلىۋېرەتتى. لېكىن خىتاي ھەممىنى چەكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدۇ، مەسچىتكە بارىدۇ. نەتىجىدە، دىنىي ئېتىقاد چەكلەنسە، ئۇلار بۇنى يوشۇرۇن ئۆگىنىدۇ. يوشۇرۇن ئۆگەنسە، ناتوغرا ئىماملارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشنى يوق دېگىنى بولمايدۇ. بۇنىڭ باش جاۋابكارى يەنە خىتاينىڭ بۈگۈنكى سىياسىتى.»

نۇرمەمەت مۇساباينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي رادىكاللىقنى توسۇش ۋە تۈگىتىش مەقسىتى بولسا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشى كېرەك.

نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: «بۇنداق ھەرىكەت بولغان يەردە ئەلۋەتتە قارشىلىق بولىدۇ. بۇنى ئوڭشايمەن دېسە خىتاي ئۇيغۇرنىڭ نورمال ياشاش ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭ ساقىلىغا، بۇنىڭ بۇرۇتىغا ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك. كىيىم-كېچىكى، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكى ۋە تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. مەسچىتكە بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك. نامىزىنى 5 ۋاقىت ئوقۇشىغا، بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىدا ئوقۇتۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئىشسىز قويماسلىقى كېرەك.

ھۆكۈمەت ئۆزى ئىقتىساد ئاجرىتىپ، شەخسلەرنىڭ دىنىي مەكتەپ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىپ، خىتاي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەمەس، مۆتىدىل، توغرا، دىننى تەشۋىق قىلىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق»،«زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىگە دىنىي ئەسەبىيلىك سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسى دىنىي تۇرمۇشىغا چەكلىمە قويۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن سىرت، ناھىيە دەرىجىلىك ئورگانلار ئېلان قىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ۋە «دىنىي ئاسەبىيلىك»نىڭ ئىپادىلىرىگە دائىر يەرلىك بەلگىلىمىلەر بار. مەسىلەن، قەشقەر، خوتەندىكى بەزى ناھىيەلەر «دىنىي ئەسەبىيلىك»نىڭ 76 خىل ئىپادىسىنى ئېلان قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا سالام قىلماسلىق، تۇيۇقسىز ھاراق تاشلاش، توي-تۆكۈندە ھاراق قۇيماسلىق، نەغمە ناۋا قىلماسلىق، نامازدا ئامىن دەپ ئۈنلۈك توۋلاش......... قاتارلىقلارنى «ئەسەبىيلىك»نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت