مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىمغا نېمىشقا قاراپ تۇرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-26
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان، ئاشخانىلارنى تاماق سېتىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ 20 دىن ئوشۇق ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بىراق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتۇۋاتقان «قۇلاقنى يوپۇرۇۋېلىش» تەك پوزىتسىيىسى داۋام قىلماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا كەلگەندە ئېغزى تۇۋاقلىنىپ قالىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» دېگەن ھەرىكەتلەر بىلەن دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىسى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەپلا قالماي، ئۇلارنىڭ روزى تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەقسىز سۇ تارقىتىپ، تاماققا زورلىغانلىقى، ئاشخانىلارنى رامىزان مەزگىلىدە ئادەتتىكىدەك تاماق سېتىشقا مەجبۇرلاپ، ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئاشخانىسىنى پىچەتلىگەنلىكى، بالىلىرىنى قۇرئاندىن ساۋاتلىق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن دىنىي كۇرسلارغا بەرگەن ئاتا-ئانىلارنى جازالىغانلىقى، 20 دىن ئوشۇق ئىسلامى ئىسىملارنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا قويۇشنى چەكلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئەھۋاللار رادىيومىز ئارقىلىق ۋە باشقا خەلقئارا ئاخباراتلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى ئادا قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئىسلام دىنىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان. ئەمما، دائىرىلەرنىڭ بولسا بۇنداق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بۈگۈن تىۋىتتېر تورىدا قارىماي رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ رەسىمى تارقالغان بولۇپ، ئۇ ئۇقتۇرۇشتا پەقەتلا گۆش، سۈت، ماي ۋە مۇشۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەرنىلا «ھالال» دەپ ئايرىشقا بولىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى «ھالال» دەپ ماركىلاشقا بولمايدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇقتۇرۇشتا «ھالال» ماركىسىنىڭ ئۆلچىمىمۇ بېكىتىلگەن بولۇپ، پەقەتلا خىتايچە «چىڭجىن» يەنى مۇسۇلمانچە دېگەن خەت يېزىلىشى ۋە ئۇيغۇرچە قىلىپ مۇسۇلمانچە قىلىپ يېزىلغان شەكىللىرىنىلا قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى، قالغان ئەرەبچە ھالال دەپ يېزىلغان ياكى ھىلال ئاي ۋە مەسچىت سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ئەرەبچە يېزىلغان ھەرقانداق بىر «ھالال» تامغىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى يېزىلغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا دىنغا قىلىۋاتقان بېسىمىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە بۇنىڭغا پەقەت غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئەمەس، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ بىرلىكتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارغا نىسبەتەن خەلقئارادا ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا قارىتا ئىسلام دۇنياسىدىن جىددىي ئىنكاس كەلدى، دەپ قارىمايمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىمى سىزىلغاندا پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى قوزغىلىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا قويۇشنى چەكلىدىغۇ؟ نېمىشقا بۇنىڭغىمۇ ئوخشاش نارازىلىق قوزغالمايدۇ؟ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى قېنى؟ پەقەتلا ئۇلار ئەمەس، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىچۇ؟ مەن، ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىدىن كۈچلۈك بىر ئىنكاس كەلگەن بولسا، بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا دىنغا بۇنچىلىك ئوچۇق-ئاشكارا بېسىم قىلالماسلىقى مۇمكىنمىكىن دەپ قارايمەن.»

ئۇنداقتا، ساراھ كۇك خانىمنىڭ ئېيتقىنىدەك، نېمىشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىجرائاتلىرىغا قارىتا بىر ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ تۈركىيە قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىختىلاپلار ۋە خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىنىڭ ئاساسلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پانوما ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەندنېي ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنىۋاتقانلاردىن خەۋىرى بار ھەم ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەركىن ئاخباراتنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نارازىلىقى ئېنىق. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ دۆلەتلەردە نارازىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئەركىن ئاخبارات يوق دېيەرلىك. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئەركىن ئاخبارات مەسىلىسىدە تېخىمۇ چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاخباراتلار ئاساسەن دېگۈدەك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولغاچقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەر، ھەتتا ئىسرائىل ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينى تەنقىدلەشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىن ئاخبارات قاتارلىق مەسىلىلىرىدە «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» دېگەن سىياسىتى بويىچە ئېغزىنى چىڭ يۇمۇپ كەلگەن بولغاچقا، خىتايمۇ ئوتتۇرا شەرق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىشىنى كۈتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەل-جەزىرە جايلاشقان قاتار بىردىن-بىر ئەركىن ئاخبارات بار جاي بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەل-جەزىرىگە قانداق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ دۆلەتلەر ئەركىن ئاخباراتنى قەتئىي خالىمايدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى دىكتاتورلاشقانچە، ئۇلارنىڭ خىتاينى تەنقىدلەش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە ئازىيىپ ماڭىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينى تەنقىدلىمەسلىك بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى.»

ئالىمجان بوغدا ئەپەندى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە خەلق ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن ھېسداشلىق كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقلەرنىڭ تەشكىلات سۈپىتىدە تەشكىللىنىپ، خىتايغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ھوقۇقى يوقلۇقىنى، شۇڭا خەلقئارادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياكى تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇ گلەدنېي ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا چېكىدىن ئاشقان بۇنداق بېسىم سىياسەتلەرنى خالىغانچە ئېلىپ بېرىشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىمەن، دەيدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭمۇ رولى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۇنيا سەھنىسىدىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئاياغلاشتۇرۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇھىم كۈن تەرتىپلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇنداق ئەمەس. ترامپ دۇنيا سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتىدۇ. ئامېرىكا چېكىنىپ چىققانچە، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر سەھنىگە چىقىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر شارائىتتا خىتايغا قارىتا بىر تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكى تەبىئىي بىر ئەھۋال.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت